« زەبۇر »

40

1سەۋر-تاقەت قىلىپ كۈتتۈم پەرۋەردىگارنى،

قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى ئۇ پەريادىمنى.

2تارتىۋالدى ئۇ مېنى ھالاكەت گىردابىدىن،

چىقىرىۋالدى چوڭقۇر پاتقاق-سازلىقتىن.

قورام تاش ئۈستىگە تۇرغۇزۇپ پۇتلىرىمنى،

مۇستەھكەم قىلدى مېنىڭ قەدەملىرىمنى.

3پەرۋەردىگار ئاتا قىلدى ماڭا يېڭى بىر كۈينى،

ئىگىمىزنى مەدھىيەلەيدىغان مۇناجاتنى.

نۇرغۇن ئادەم كۆرۈپ ئۇنىڭ قۇدرىتىنى،

پەرۋەردىگارغا ئىشەنچ باغلاپ ھۆرمەتلەر ئۇنى.

4بەختلىكتۇر ئىشەنچ باغلىغانلار پەرۋەردىگارغا،

چوقۇنمىغانلار ساختا ئىلاھلارغا،

يۈرمىگەنلەر بۇتپەرەسلەر ئارىسىدا.

5ئى ئىگىمىز پەرۋەردىگار، شۇنچە كۆپتۇر مۆجىزىلىرىڭ،

بىز ئۈچۈن قىلغان كاتتا ئىلتىپات ۋە پىلانلىرىڭ.

سانسىزدۇر بايان قىلسام ئەجىر ۋە مېھنەتلىرىڭ،

يوقتۇر سېنىڭ ھېچبىر تەڭدىشىڭ.

6ئىستىمەيسەن قۇربانلىق ياكى ھەدىيەلەرنى،

ئىستىمەيسەن نە كۆيدۈرمە، نە گۇناھ قۇربانلىقىنى.

ئاڭلىسۇن دەپ بۇنى ئاچتىڭ قۇلاقلىرىمنى.

7شۇڭا دېدىم: «مەن كەلدىم مانا،

پۈتۈلگەندۇر مەن ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا.

8ئى ئىلاھىم، ئىرادەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش خۇشاللىقىمدۇر،

تەلىملىرىڭ قەلبىمگە چىڭ پۈتۈلگەندۇر.»

9زور جامائەت ئارىسىدا جاكارلىدىم ئادالىتىڭنى،

ئى پەرۋەردىگار، بىلىسەن، يۇمۇۋالمايمەن ئاغزىمنى.

10يوشۇرۇپ يۈرمىدىم قەلبىمدە ئادالىتىڭنى،

بايان ئەيلىدىم ۋاپادارلىقىڭ ھەم نىجاتلىقىڭنى.

پىنھان تۇتمىدىم بۈيۈك جامائەتتىن،

مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ۋە ھەقىقىتىڭنى.

11ئى پەرۋەردىگار، ئايىمىغىن مەندىن شەپقىتىڭنى،

مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ، ھەقىقىتىڭ ساقلىغاي مېنى.

12چىرمىۋالدى ھەددى-ھېسابسىز كۈلپەتلەر مېنى،

كور بولدۇم، گۇناھلىرىم توسۇۋالغاچ كۆز نۇرۇمنى.

بېشىمدىكى چېچىمدىن كۆپ بولغاچقا گۇناھلىرىم،

تەرك ئەتتى جىسمىمدىن جاسارىتىمنى.

13ئى پەرۋەردىگار، قۇتقۇز مېنى يەتكۈزۈپ ئىلتىپاتىڭنى،

ئى پەرۋەردىگار، تېزدىن ماڭا بەرگىن ياردىمىڭنى.

14جېنىمنى ئالماقچى بولغانلار،

شەرمەندە بولسۇن يۈزى تۆكۈلۈپ.

جاپايىمدىن خۇشال بولغانلار،

چېكىنسۇن رەسۋا بولۇپ.

15مىيىقىدا كۈلگەنلەر قىلىپ مېنى مەسخىرە،

ئەندىشە ئىچىدە بولسۇن شەرمەندە.

16ساڭا تەلپۈنگۈچى بارلىق كىشىلەر،

سەندىن خۇشال بولۇپ شادلانسۇن.

نىجاتلىقىڭنى سۆيگەنلەر ھەر دائىم:

«پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر» دېسۇن!

17بىر بىچارە، ھاجەتمەن ئۆزۈم،

بىراق، مېنى ياد ئېتەر ئىگەم.

مەدەتكارىمسەن ھەم نىجاتكارىم،

ھايال بولما، ئى ئىلاھىم.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى