« يۇھاننا يازغان ئىككىنچى خەت »

1

1خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان خانىمغا* ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە مەنكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىسىدىن سالام! مەن چىن كۆڭلۈمدىن سىلەرنى سۆيىمەن. سىلەرنى يالغۇز مەنلا ئەمەس، خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى تونۇپ يەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى سۆيىدۇ. 2چۈنكى، بۇ ھەقىقەت قەلبىمىزدە ياشىماقتا ۋە مەڭگۈ بىزگە يار بولىدۇ. 3ئەرشتىكى ئاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ ھەقىقەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە ياشايدىغان بىزلەرگە مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!

ھەقىقەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت

4پەرزەنتلىرىڭىزدىن بەزىلىرىنىڭ ئەرشتىكى ئاتىمىزدىن ئالغان ئەمر بويىچە ھەقىقەت يولىدا ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم. 5ھۆرمەتلىك خانىم، ئەمدى مەن سىزدىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، بىز ھەممىمىز بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىز كېرەك. مەن سىزگە يېزىۋاتقانلىرىم يېڭى بىر ئەمر ئەمەس، بەلكى بىز بۇرۇندىن تارتىپ قوبۇل قىلىپ كېلىۋاتقان ئەمردۇر. 6مېھىر-مۇھەببەت خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ ياشاش دېمەكتۇر. خۇدانىڭ ئەمرى بولسا سىلەر بۇرۇندىن تارتىپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقاندەك، مېھىر-مۇھەببەت يولىدا مېڭىشتۇر.

7نۇرغۇن ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا پەيدا بولدى. ئۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇنداقلار دەل ئالدامچى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ رەقىبىدۇر. 8خۇدا يولىدا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلارنى يوقىتىپ قويماي، خۇدانىڭ تولۇق ئىنئامىغا ئىگە بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار. 9ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىدە چىڭ تۇرماي، ئۇنىڭدىن چەتنىگەنلەر خۇدائاتىغا باغلانمىغان بولىدۇ. ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىدە چىڭ تۇرغانلار بولسا ئەرشتىكى ئاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلىغا باغلىنىپ ياشاۋاتىدۇ. 10ئەگەر بىرەر كىشى سىلەرنىڭ جامائەتچىلىكىڭلارغا ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىنى ئەمەس، بەلكى باشقىچە تەلىم ئېلىپ كەلگەن بولسا، ئۇنى ئۆيۈڭلارغا تەكلىپ قىلماڭلار ھەم ئۇنى قارشى ئالماڭلار. 11چۈنكى، ئۇنداق ئادەمنى قارشى ئالغان كىشى ئۇنىڭ يامان ئىشلىرىغا شېرىك بولغۇچىدۇر.

ئاخىرقى سۆز

12سىلەرگە دەيدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى. لېكىن، قەغەز بىلەن سىياھنى ئىشلەتكەندىن كۆرە، خۇشاللىقىمىزنىڭ تولۇپ تېشىشى ئۈچۈن، يېنىڭلارغا بېرىپ دىدار كۆرۈشۈپ سۆزلىشىشنى ئەۋزەل بىلدىم. 13خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان ھەدىڭىزنىڭ پەرزەنتلىرىدىن* سىزگە سالام!



*1خانىم _ بىر جەھەتتىن ھەقىقىي بىر ئايال خانىمنى كۆرسىتىشى، يەنە بىر جەھەتتىن بىر ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.

*13ھەدىڭىزنىڭ پەرزەنتلىرى _ يۇھاننا تۇرغان جايدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى