سوئال

«ئاكام ماڭا نەزىردا يىغلاش شەرىئەتكە خىلاپ دەيدۇ. مۇقەددەس كىتاب بۇ ھەقتە نېمە دەيدۇ؟»

تەۋرات، «سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم» 3-باب

31داۋۇت يوئاب ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغانلارغا:

«كىيىملىرىڭلارنى يىرتىڭلار، بۆز رەختكە يۆگىنىڭلار، ئابنېر ئۈچۈن ھازا تۇتۇڭلار!» دېدى. داۋۇت پادىشاھ ئۆزىمۇ جىنازىنىڭ كەينىدىن ماڭدى.

32ئۇلار ئابنېرنى ھىبروندا دەپنە قىلدى. پادىشاھ داۋۇت ئابنېرنىڭ قەبرىسى يېنىدا ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى، كۆپچىلىكمۇ كۆز يېشى قىلىشتى.

[داۋامى]

ئىنجىل، «يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر» 11-باب

30ئۇ پەيتتە ھەزرىتى ئەيسا تېخى يېزىغا كىرمىگەن بولۇپ، مارتا ئالدىغا چىققان يەردە ئىدى.31ئۆيدە مەريەمگە تەسەللى بېرىۋاتقان خالايىق مەريەمنىڭ بىردىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ، سىرتقا چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈشتى ۋە ئۇنى قەبرىستانلىققا يىغا-زار قىلغىلى ماڭدى دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىشتى.

32بىراق، مەريەم ھەزرىتى ئەيسا بار يەرگە باردى ۋە ئۇنى كۆرۈپ، ئايىغىغا يىقىلىپ:

_ ئى رەببىم، بۇ يەردە بولغان بولسىڭىز، ئىنىم ئۆلمەس ئىدى! _ دېدى.

33مەريەمنىڭ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن خالايىقنىڭ يىغا-زار قىلىشقىنىنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا غەزەپلىنىپ، كۆڭلى قاتتىق ئازابلىنىشقا باشلىدى ۋە:

34_ ئۇنى قەيەرگە قويدۇڭلار؟ _ دەپ سورىدى.

_ ئى رەببىمىز، كېلىپ كۆرۈڭ، _ دېيىشتى ئۇلار.

35ھەزرىتى ئەيسا كۆز يېشى قىلدى.36خەقلەر:

_ قاراڭلار، ئۇ لازارنى نېمىدېگەن ياخشى كۆرگەن! _ دېيىشتى.

[داۋامى]

تەۋرات، «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» 23-باب

1سارە يۈز يىگىرمە يەتتە ياش ئۆمۈر كۆردى.2ئۇ كەنئاننىڭ قىريات-ئاربا، يەنى ھىبرون دېگەن جايىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئىبراھىم ئۇنىڭغا ھەسرەت بىلەن يىغا-زار قىلدى.

[داۋامى]

ئىنجىل، «مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر» 5-باب

4قايغۇرغانلار نەقەدەر بەختلىك!

چۈنكى، خۇدا ئۇلارغا تەسەللى بېرىدۇ.

[داۋامى]

تەۋرات، «سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم» 1-باب

11داۋۇت قايغۇدىن ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يىرتتى، ئۇنىڭ ئادەملىرىمۇ شۇنداق قىلدى.12ئۇلار قىلىچ ئاستىدا قازا قىلغان سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغلى يوناتان شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى _ ئىسرائىللار ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ، يىغا-زار قىلىپ، كۈن پاتقۇچە روزا تۇتتى.

[داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

yengi mezmun

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر