سوئال

«مېنىڭ بەزى دوستلىرىم ئىنجىلدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مۇقەددەس روھ دەپ تەسۋىرلەنگەن دەيدۇ. ئىنجىل مۇقەددەس روھ توغرۇلۇق نېمىلەرنى بايان قىلىدۇ، ئېيتىپ بەرسىڭىز بولامدۇ؟ ئۇ راستتىنلا مۇھەممەد پەيغەمبەرنى كۆرسىتەمدۇ؟»

زەبۇر، 51-مۇناجات

11قوغلىمىغىن ھۇزۇرۇڭدىن زىنھار مېنى،

تارتىۋالما مەندىن مۇقەددەس روھىڭنى.

[داۋامى]

ئىنجىل، «مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر» 1-باب

18ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشى مۇنداق بولغان: مەريەم بىلەن يۈسۈپنىڭ چېيى ئىچكۈزۈلگەنىدى. بىراق، ئۇلار نىكاھلىنىپ بىرلىشىشتىن ئىلگىرى، مەريەمنىڭ مۇقەددەس روھتىن ھامىلىدار بولغانلىقى مەلۇم بولدى.19مەريەمنىڭ لايىقى يۈسۈپ دۇرۇس ئادەم بولغاچقا، مەريەمنى خالايىق ئالدىدا نومۇسقا قالدۇرماسلىق ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن جىمجىتلا ئايرىلىپ كەتمەكچى بولدى.20بىراق، ئۇ بۇ ئىشنى ئويلاپ يۈرگىنىدە، پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ: «ئەي داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى يۈسۈپ، مەريەمنى ئەمرىڭگە ئېلىشتىن قورقما، چۈنكى تۇغۇلىدىغان بالا مۇقەددەس روھتىن كەلگەن.

[داۋامى]

ئىنجىل، «ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر» 13-باب

9سىلەر ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار. كىشىلەر سىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ سوتقا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، ئىبادەتخانىلاردا قامچىلايدۇ. سىلەر ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ۋالىي ۋە پادىشاھلار ئالدىدا سوراققا تارتىلىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئالدىدا مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم بولىسىلەر.10لېكىن، خۇش خەۋەر پۈتكۈل مىللەتلەرگە زامان ئاخىرىدىن بۇرۇن يەتكۈزۈلۈشى كېرەك.11شۇڭا، سىلەر تۇتۇلۇپ سوتقا تاپشۇرۇلغاندا نېمە دېيىشتىن ئەندىشە قىلماڭلار. ئۇ چاغدا، سىلەرگە نېمە نېسىپ ئېتىلسە، شۇنى دەڭلار، چۈنكى سۆزلىگۈچى سىلەر ئەمەس، مۇقەددەس روھتۇر.

[داۋامى]

ئىنجىل، «لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر» 1-باب

67ئاندىن، يەھيانىڭ ئاتىسى زىكىرىيا مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈپ، مۇنداق دېدى:

68«پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇلسۇن!

چۈنكى، ئۇ شاپائەت قىلىپ، خەلقىنى قۇتقۇزدى.

[داۋامى]

ئىنجىل، «يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر» 20-باب

21ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە:

_ ئامان بولۇڭلار! ئاتام مېنى ئەۋەتكىنىدەك، مەنمۇ سىلەرنى ئەۋەتىمەن، _ دېدى.

22بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارغا بىر پۈۋلەپ:

_ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا مۇيەسسەر بولۇڭلار.

[داۋامى]

ئىنجىل، «پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت» 1-باب

20شۇنى ئەڭ مۇھىم دەپ بىلىڭلاركى، مۇقەددەس يازمىلاردىكى ۋەھىيلەرنى پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرى ئويلاپ چىققان ئەمەس.21چۈنكى، ھەرقانداق ۋەھىي ئىنسانلارنىڭ ئىرادىسىدىن كەلمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزلىرى بولۇپ، مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرلەندۈرۈشى بىلەن يەتكۈزۈلگەن.

[داۋامى]

ئىنجىل، «ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى» 1-باب

3ئۇ ئۆلۈپ، تىرىلگەندىن كېيىنكى قىرىق كۈن ئىچىدە ئۇلارغا كۆپ قېتىم كۆرۈنۈپ، ئۆزىنىڭ تىرىلدۈرۈلگەنلىكىنىڭ شەكسىز ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلىغانىدى ۋە خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر سۆزلەرنى قىلغانىدى.

4بىر قېتىم ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلەر بىلەن غىزالىنىۋاتقاندا، ئۇلارغا يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دېدى:

_ يېرۇسالېم شەھىرىدىن ئايرىلماي، مەن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، خۇدائاتام سىلەرگە بېرىشنى ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى كۈتۈڭلار.5چۈنكى، يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرنى سۇدا چۆمۈلدۈردى، سىلەر بولساڭلار بىرنەچچە كۈن ئىچىدە خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر.

[داۋامى]

ئىنجىل، «ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت» 1-باب

13سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ ھەقىقەتنى، يەنى ئۆزۈڭلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشۇڭلار توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەيسا مەسىھكە ئىشەندىڭلار ھەم ۋەدە قىلىنغان مۇقەددەس روھ بىلەن مۆھۈرلەندىڭلار. بۇ، خۇداغا مەنسۇپ بولغانلىقىڭلارنىڭ بەلگىسىدۇر.

[داۋامى]

ئىنجىل، «كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت» 6-باب

19تېنىڭلارنىڭ مۇقەددەس روھنىڭ ئىبادەتخانىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ قەلبىڭلاردا ياشايدۇ. سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئەمەس، بەلكى خۇداغا مەنسۇپسىلەر.

[داۋامى]

ئىنجىل، «ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى» 20-باب

22ھازىر مۇقەددەس روھنىڭ ئەمرىگە ئاساسەن يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن. ئۇ يەردە قانداق ئىشلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىمنى ئۇقمايمەن. 23پەقەت شۇنى بىلىمەنكى، مۇقەددەس روھ مەن بارىدىغانلا شەھەرلەردە مېنى زىندان ۋە ئازابلارنىڭ كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتىپ كەلمەكتە.

[داۋامى]

ئىنجىل، «تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت» 1-باب

14ساڭا ئامانەت قىلىنغان بۇ قىممەتلىك ھەقىقەتنى ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە بار بولغان مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى بىلەن ساقلا.

[داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

yengi mezmun

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر