سوئال

ئەيسانىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرى

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 14- باب

15كەچقۇرۇن، شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ:

_ بۇ خىلۋەت بىر جاي ئىكەن، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى. خالايىقنى تارقىتىۋەتكەن بولسىڭىز، ئۇلار كەنتلەرگە بېرىپ ئۆزلىرىگە تاماق سېتىۋالسۇن، _ دېدى.

16_ ئۇلارنىڭ تارقاپ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇلارغا ئۆزۈڭلار تاماق بېرىڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

17شاگىرتلار:

_ بىزدە بەش نان بىلەن ئىككى دانە بېلىقتىن باشقا ھېچ نەرسە يوق، _ دېيىشتى.

18_ ئۇلارنى ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا. 19ئۇ خالايىقنى چىملىقنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن، بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى. ئاندىن، نانلارنى ئوشتۇپ شاگىرتلىرىغا بەردى. ئۇلار كۆپچىلىككە تارقاتتى. 20ھەممەيلەن يەپ تويدى. شاگىرتلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى لىق ئون ئىككى سېۋەتكە يىغىۋالدى. 21تاماق يېگەنلەرنىڭ سانى ئاياللار ۋە بالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بەش مىڭچە كىشى ئىدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 1- باب

23ئىبادەتخانىدا جىن چاپلاشقان بىر كىشى بار ئىدى. دەل شۇ چاغدا، ئۇ:

24_ ئەي ناسىرەلىك ئەيسا، بىز بىلەن كارىڭ بولمىسۇن! بىزنى يوقاتماقچىمۇسەن؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن. خۇدا ئەۋەتكەن مۇقەددەس بولغۇچىسەن! _ دەپ توۋلاپ كەتتى.

25ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى سۆزلىتىۋاتقان جىنغا بۇيرۇق قىلىپ:

_ ئاغزىڭنى يۇم، بۇ ئادەمنىڭ تېنىدىن چىق! _ دېدى.

26جىن ھېلىقى ئادەمنىڭ بەدىنىنى قاتتىق تارتىشتۇردى ۋە پەرياد كۆتۈرگىنىچە ئۇنىڭ تېنىدىن چىقىپ كەتتى.

27بۇنىڭدىن ھەيران بولغان كۆپچىلىك بىر-بىرىگە:

_ بۇ قانداق ئىش؟ يىپيېڭى بىر تەلىمغۇ! ئۇ دەرۋەقە جىنلارغا بۇيرۇق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن! ئۇلارمۇ ئۇنىڭ سۆزىگە بويسۇنىدىكەن، _ دېيىشتى. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 5- باب

12بىر قېتىم، ھەزرىتى ئەيسا مەلۇم بىر شەھەرگە بارغاندىن كېيىن، پۈتۈن بەدىنىنى ماخاۋ قاپلاپ كەتكەن بىر كىشى ئۇنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ:

_ تەقسىر، ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن ساقايتىپ پاك قىلغايسىز! _ دەپ يالۋۇردى.

13ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ:

_ خالايمەن، پاك بولغىن! _ دېۋىدى، بۇ ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى ماخاۋ كېسىلى شۇئان ساقايدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 5- باب

18شۇ ئەسنادا، بىرقانچە كىشى زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، ئۇنى ئۆينىڭ ئىچىدىكى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئەكىرىشكە تىرىشتى، 19بىراق، ئادەمنىڭ تولىلىقىدىن كېسەلنى ئەكىرەلمەي، ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۆگزىدىن تۈڭلۈك ئېچىپ، كېسەلنى ئۆينىڭ ئىچىگە زەمبىلدە چۈشۈرۈپ، خالايىقنىڭ ئارىسىدا تۇرغان ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئەكەلدى. 20ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى پالەچكە:

_ دوستۇم، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى! _ دېدى.

21ھېلىقى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر بىر-بىرىگە:

_ قورقماستىن بۇنداق كۇپۇر سۆزلىگەن بۇ ئادەم كىمدۇر؟! خۇدادىن باشقا ھېچكىمنىڭ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى يوققۇ! _ دېيىشتى.

22ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر بۇنى نېمە ئۈچۈن كۇپۇرلۇق دەيسىلەر؟ 23-24«گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى!» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭ!» دېيىشمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئېيتماق ئاسان، قىلماق تەس. ئەمما، ھازىر ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە ھەم گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش، ھەم كېسەللەرنى ساقايتىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەي، _ دېدى. ئاندىن، پالەچ كېسەلگە:

_ ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت! _ دەپ بۇيرۇدى.

25ھېلىقى ئادەم دەرھال كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۆزى ياتقان زەمبىلنى ئېلىپ، خۇدانى مەدھىيىلىگىنىچە ئۆيىگە قايتتى. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 8- باب

22بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن كېمىگە چۈشۈپ، ئۇلارغا:

_ كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا بارايلى، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يولغا چىقتى. 23كېمە كېتىۋاتقاندا ھەزرىتى ئەيسا ئۇخلاپ قالدى. ئۇشتۇمتۇت قاتتىق بوران چىقىپ، كېمىگە سۇ توشۇپ، ھەممىسى ئىنتايىن خەۋپ ئىچىدە قالدى. 24شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانى ئويغىتىپ:

_ ئۇستاز، ئۇستاز، غەرق بولۇش ئالدىدا تۇرىمىز! _ دېدى.

ھەزرىتى ئەيسا ئويغىنىپ، بوران-چاپقۇنغا بۇيرۇق قىلغانىدى، بوران توختاپ، دولقۇن پەسلەپ، ھەممىسى تىنچىدى. ئاندىن، ئۇ شاگىرتلىرىغا بۇرۇلۇپ:

25_ ئىشەنچىڭلار نەگە كەتتى؟ _ دېدى.

شاگىرتلار ھەم ھەيران بولۇپ، ھەم قورقۇشۇپ، بىر-بىرىگە:

_ بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟ بۇيرۇق قىلسا، ھەتتا بوران ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەن-ھە! _ دەپ كېتىشتى. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 8- باب

49ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزنى قىلىۋاتقاندا، ئىبادەتخانا مەسئۇلىنىڭ ئۆيىدىن كەلگەن بىرى ئىبادەتخانا مەسئۇلى يائىرغا:

_ قىزىڭىز جان ئۈزدى. ئەمدى ئۇستازنى ئاۋارە قىلمايلى، _ دېدى.

50بۇنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەيسا يائىرغا:

_ قورقمىغىن! ماڭا ئىشەنگىن! ئۇ ساقىيىپ كېتىدۇ، _ دېدى.

51ھەزرىتى ئەيسا يائىرنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ ۋە قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە ئۆيگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى. 52ئۇ يەردىكىلەر قىزغا ھازا تۇتۇپ يىغا-زار قىلىشىۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ بولدى، يىغلىماڭلار! قىز ئۆلمىدى، ئۇخلاپ قاپتۇ! _ دېدى.

53بىراق، خالايىق ئۇنى مەسخىرە قىلدى. چۈنكى، قىزنىڭ ئاللىقاچان جان ئۈزگەنلىكىدىن ئۇلارنىڭ خەۋىرى بار ئىدى. 54لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا قىزنىڭ قولىدىن تارتىپ:

_ بالام، ئورنۇڭدىن تۇر، _ دەپ چاقىردى. 55قىزنىڭ روھى تېنىگە قايتىپ كېلىپ، ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇردى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا قىزنىڭ قورسىقىغا بىرنەرسە بېرىشنى بۇيرۇدى. 56قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ناھايىتى ھەيران قېلىشتى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى تاپىلىدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 18- باب

35ھەزرىتى ئەيسا ئېرىخا شەھىرىگە يېقىن كەلگەندە، بىر قارىغۇ يول بويىدا ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتاتتى. 36ئۇ بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۆپچىلىكنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، نېمە ۋەقە بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈردى. 37بىرى ئۇنىڭغا:

_ ناسىرەلىك ئەيسا بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ، _ دەپ ئۇقتۇردى.

38_ ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى ئەيسا، ماڭا رەھىم قىلغايسىز! _ دەپ ۋارقىراپ كەتتى ئۇ.

39ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىدا كېلىۋاتقان كىشىلەر تىلەمچىنى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ ئۈن چىقارماسلىقىنى ئېيتتى. لېكىن، ئۇ:

_ ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، ماڭا رەھىم قىلغايسىز! _ دەپ تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىدى.

40ھەزرىتى ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ، قارىغۇنى ئالدىغا ئەكېلىشنى بۇيرۇدى. قارىغۇ يېقىن كەلگەندە، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭدىن:

41_ مەندىن نېمە تەلەپ قىلىسەن؟ _ دەپ سورىدى.

_ ئى رەببىم، كۆزۈمنىڭ ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن! _ دېدى قارىغۇ.

42_ كۆزلىرىڭ ئېچىلدى! ماڭا باغلىغان ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.

43قارىغۇنىڭ كۆزى شۇئان ئېچىلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ، يول بويى خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ ماڭدى. بۇ ئىشنى كۆرگەن خالايىقمۇ خۇدانى مەدھىيىلەپ ماڭدى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر