سوئال

«مەن يېقىندا يەھيا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا قۇرئاندىن ئوقۇدۇم. ئەمما ئۇنىڭ ھاياتى توغرۇلۇق ھېچنېمە بىلمەيمەن. ئىنجىلدا بۇ پەيغەمبەر توغرۇلۇق بايانلار بارمۇ؟ ئۇ نېمە ئىشلار قىلغان؟»

يەھيا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كېلىشى

ئىنجىل، «لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر» 1-باب

8بىر كۈنى، زىكىرىيا ۋە ئۇنىڭ قىسمىدىكى روھانىيلار مەركىزىي ئىبادەتخانىدا نۆۋىتى بويىچە روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتاتتى.9ئۇلار ھەر كۈنى ئادىتى بويىچە ئىبادەتخانىنىڭ مۇقەددەس جايىغا كىرىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا ئىسرىق سېلىشقا بىر روھانىي تاللاش ئۈچۈن چەك تاشلايتتى. ئۇ كۈنى، چەك زىكىرىياغا چىقتى.10ئۇ مۇقەددەس جايغا كىرىپ ئىسرىق سېلىۋاتقاندا، ئىبادەتكە كەلگەن جامائەت تاشقىرىدا دۇئا قىلىشىۋاتاتتى.11تۇيۇقسىز ئىسرىقداننىڭ ئوڭ تەرىپىدە زىكىرىياغا خۇدا ئەۋەتكەن بىر پەرىشتە كۆرۈندى.12زىكىرىيا قورققىنىدىن ھودۇقۇپ كەتتى،13بىراق پەرىشتە ئۇنىڭغا:

_ ئەي زىكىرىيا، قورقمىغىن! خۇدا دۇئايىڭنى قوبۇل قىلدى. ئايالىڭ ئېلىزابېت ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھيا قويغىن.14ئۇ ساڭا خۇشال-خۇراملىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر خۇرسەن بولۇشىدۇ.15ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ بولىدۇ، ھاراق-شاراب ئىچمەيدۇ. ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپلا خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمگەن بولىدۇ.16ئۇ نۇرغۇن ئىسرائىللارنى رەببىمىز خۇدانىڭ يولىغا قايتۇرىدۇ.17ئۇ خۇدا تەرىپىدىن خۇددى ئىلياس پەيغەمبەرگە ئاتا قىلىنغاندەك روھ ۋە كۈچ-قۇدرەتكە تولغان ھالدا، ئۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان قۇتقۇزغۇچىدىن ئاۋۋال ئەۋەتىلىپ، ئاتا بىلەن بالىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېڭىۋاشتىن ئىناقلاشتۇرۇپ، خۇداغا بويسۇنمايدىغانلارنى ئادىللارنىڭ ئاقىلانە يوللىرىغا قايتۇرۇپ، خەلقنى رەببىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تەييار قىلىدۇ، _ دېدى.

[داۋامى]

ئىنجىل، «لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر» 1-باب

57ئېلىزابېتنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى.58خۇدانىڭ ئۇنىڭغا شۇنچە كاتتا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خۇشاللىققا چۆمدى.

59بوۋاق تۇغۇلۇپ سەككىز كۈن بولغاندا، ئۇرۇق-تۇغقانلار كېلىپ، بالىنىڭ خەتنىسىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا زىكىرىيا دەپ ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى قويماقچى بولۇشتى.60بىراق، ئانىسى:

_ ياق! ئىسمى يەھيا بولسۇن، _ دېدى.

61_ بولمايدۇ! ئۇرۇق-جەمەتىڭىز ئىچىدە بۇنداق ئىسىمدىكىلەر يوققۇ! _ دېيىشتى ئۇرۇق-تۇغقانلار قارشى تۇرۇپ.

62ئاندىن، ئۇلار بالىنىڭ ئاتىسىدىن پەرزەنتىگە نېمە ئىسىم قويۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئىشارەت بىلەن سوراشتى.

63زىكىرىيا بىر پارچە تاختاينى ئەكەلدۈرۈپ، «ئىسمى يەھيا بولسۇن» دەپ يازدى. كۆپچىلىك ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى.64دەل شۇ چاغدا، زىكىرىيا قايتا زۇۋانغا كېلىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى.65كۆپچىلىك خۇدانىڭ بۇ مۆجىزىسىنى كۆرۈپ، ئەيمىنىپ كەتتى. بۇ خەۋەر يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ تاغلىق رايونلىرىغا تارقالدى.66بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقۇچىلار: «بۇ بالا كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولار؟» دەپ ئويلاشتى، چۈنكى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئۇنىڭغا يار ئىدى.

[داۋامى]

يەھيا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى

ئىنجىل، «مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر» 3-باب

1شۇ چاغلاردا، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ چۆللۈك رايونلىرىغا كېلىپ تەلىم بېرىپ،2كىشىلەرگە:

_ يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! چۈنكى، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ! _ دېدى.3چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا ئىلگىرى يەشايا پەيغەمبەر تىلغا ئالغان كىشى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن:

«باياۋاندا بىر كىشى:

‹دىلىڭلارنى رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە تەييار قىلىڭلار!

ئۇنىڭ يوللىرىنى تۈز قىلىڭلار!› دەپ توۋلايدۇ.»

4يەھيا پەيغەمبەر تۆگە يۇڭىدىن كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى. يەيدىغىنى چېكەتكە بىلەن ياۋا ھەرە ھەسىلى ئىدى.5يېرۇسالېم شەھىرىدىن، جۈملىدىن پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ۋە ئىئوردان دەريا ۋادىلىرىدىن كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ،6گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى.

7پەرىسىي ۋە سادۇقىي ئېقىمىدىكىلەردىنمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرگەن يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا:

_ ئەي ساختىپەز يىلانلار! توۋا قىلماي، خۇدادىن كېلىدىغان غەزەپتىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلايلى دېگىنىڭلار قانداق گەپ؟!

[داۋامى]

ئىنجىل، «ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر» 1-باب

4دەرۋەقە، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا چۆل-باياۋاندا پەيدا بولۇپ، كىشىلەرگە:

_ يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! توۋا قىلغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، خۇدا سىلەرنى كەچۈرۈم قىلىدۇ! _ دەپ جاكارلىدى.

5كىشىلەر يېرۇسالېم شەھىرىدىن، جۈملىدىن پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى.6يەھيا پەيغەمبەر تۆگە يۇڭىدىن كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى. يەيدىغىنى چېكەتكە بىلەن ياۋا ھەرە ھەسىلى ئىدى.7ئۇ مۇنداق دەپ جاكارلايتتى:

_ مەندىن كېيىن تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرى كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئېڭىشىپ ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ يىپلىرىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن!8مەن سىلەرنى سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن، لېكىن ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرىدۇ.

[داۋامى]

ئىنجىل، «لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر» 3-باب

3خۇدادىن كەلگەن ۋەھىي بويىچە، يەھيا پەيغەمبەر ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىدىكى رايونلارنى كېزىپ يۈرۈپ:

_ يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! توۋا قىلغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، خۇدا سىلەرنى كەچۈرۈم قىلىدۇ! _ دەپ جاكارلىدى.

4بۇ ھەقتە يەشايا پەيغەمبەر مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دەپ يازغانىدى:

«باياۋاندا بىر كىشى:

‹دىلىڭلارنى رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە تەييار قىلىڭلار!

ئۇنىڭ يوللىرىنى تۈز قىلىڭلار!

5جىلغىلار تولدۇرۇلىدۇ،

چوڭ-كىچىك تاغلار پەسلىتىلىدۇ،

ئەگرى يوللار تۈزلىنىدۇ،

ئېگىز-پەس يوللار تەكشىلىنىدۇ.

6شۇنداق قىلىپ، پۈتۈن ئىنسان خۇدانىڭ قۇتقۇزۇش يولىنى كۆرەلەيدىغان بولىدۇ!› دەپ توۋلايدۇ.»

[داۋامى]

ئىنجىل، «يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر» 1-باب

6ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، بىر ئادەم خۇدا تەرىپىدىن مەيدانغا كەلدى. ئۇنىڭ ئىسمى يەھيا ئىدى.7ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ئارقىلىق «ھەقىقىي نۇر»غا ئىشىنىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىشكە كەلگەنىدى.8يەھيا پەيغەمبەر ئۆزى «ھەقىقىي نۇر» ئەمەس، ئۇ پەقەت «ھەقىقىي نۇر»غا گۇۋاھلىق بەرگۈچىدۇر.9دۇنياغا كېلىدىغان بۇ «ھەقىقىي نۇر» پۈتكۈل ئىنساننى يورۇتىدىغان نۇردۇر.

[داۋامى]

ئىنجىل، «يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر» 1-باب

29ئەتىسى، يەھيا پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى:

_ مانا بۇ، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ گۇناھىدىن ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان خۇدانىڭ قوزىسىدۇر!30مەن سىلەرگە: «مەندىن كېيىن كەلگۈچى مەندىن ئۇلۇغدۇر، چۈنكى ئۇ مەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىدى» دېگەنىدىم. مانا بۇ دەل مەن تىلغا ئالغان ئاشۇ كىشىدۇر!31مەن بۇرۇن ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلمىسەممۇ، بۇ قۇتقۇزغۇچى ئىسرائىللارغا ئايان بولسۇن دەپ، سىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرگىلى كەلدىم.32يەھيا پەيغەمبەر يەنە گۇۋاھلىق بېرىپ مۇنداق دېدى:

_ مەن خۇدانىڭ روھىنىڭ كەپتەر ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆردۈم.33مەن ئۇنىڭ قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنىدىم. بىراق، مېنى كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈشكە ئەۋەتكەن خۇدا ماڭا: «سەن خۇدانىڭ روھىنىڭ چۈشۈپ، بىرىنىڭ ئۈستىگە قونىدىغانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇ، كىشىلەرنى خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمۈلدۈرىدىغان قۇتقۇزغۇچىدۇر!» دېگەنىدى.34ھازىر راستتىنلا بۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن، ئۇنىڭ شەكسىز خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن!

[داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

yengi mezmun

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر