سوئال

«مەن قىسسەسۇل ئەنبىيادا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر پەيغەمبەر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تارىختىكى ئەڭ چىرايلىق يىگىت ئىكەنلىكىنى ئوقۇدۇم. گەرچە زۇلەيخا ئۇنى ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئاللاھقا سادىق بولغان. قۇرئاندا بۇ پەيغەمبەر توغرىسىدا كۆپ مەلۇماتلار بار. تەۋرات ياكى ئىنجىلدىمۇ يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى توغرىسىدا سۆزلىنەمدۇ؟»

تەۋرات، «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» 37-باب

2تۆۋەندىكىلەر ياقۇپ ئائىلىسىنىڭ ئىش-ئىزلىرىدۇر.

يۈسۈپ ئون يەتتە ياشقا كىرگەن چاغلىرىدا، ھەمىشە ئاتىسىنىڭ كىچىك خوتۇنلىرى بىلھاھ ۋە زىلپانىڭ ئوغۇللىرىغا ياردەملىشىپ، قوي باققىلى چىقاتتى. ئۇ ئاكىلىرىنىڭ قىلغان يامان ئىشلىرىنى ئاتىسىغا مەلۇم قىلىپ تۇراتتى.3ئىسرائىل يۈسۈپنى باشقا ئوغۇللىرىدىن بەكرەك ياخشى كۆرەتتى. چۈنكى، يۈسۈپ ئۇنىڭ قېرىغان ۋاقتىدا تاپقان بالىسى ئىدى. ئىسرائىل يۈسۈپكە بىر ئالا تون تىكتۈرۈپ بەردى.4ئاتىلىرىنىڭ ئۇنى ئۆزلىرىدىن ئارتۇق كۆرىدىغانلىقىنى سەزگەن ئاكىلىرى يۈسۈپكە شۇنچىلىك ئۆچمەنلىك قىلاتتىكى، ھەتتا ئۇنىڭغا سىلىق گەپمۇ قىلمايتتى.

[داۋامى]

تەۋرات، «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» 37-باب

12بىر كۈنى، يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى شەكەمدىكى يايلاققا ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى باققىلى بارغانىدى.

13ئىسرائىل يۈسۈپكە:

_ ئاكىلىرىڭ شەكەمدە قوي بېقىۋاتىدۇ. سەن ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ يوقلاپ كەلگىن، _ دېدى.

_ ماقۇل، باراي، _ دەپ جاۋاب بەردى يۈسۈپ.

[داۋامى]

تەۋرات، «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» 37-باب

23-24يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ يېنىغا كېلىش بىلەنلا، ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ، ئۇچىسىدىكى ئالا تونىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئۇنى بىر سۇسىز قۇدۇققا تاشلىۋەتتى.

25ئۇلار تاماققا ئولتۇرغىنىدا، بىر توپ ئىسمائىل قەبىلىسىدىن بولغان سودىگەرلەر كارۋىنىنىڭ گىلئادتىن مىسىر تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇلار تۆگىلىرىگە دورا-دەرمان، مەلھەم ۋە مۇرمەككىلەرنى ئارتىپ كەلگەنىدى.26يەھۇدا ئۆز قېرىنداشلىرىغا:

_ بىزنىڭ ئۆز ئىنىمىزنى ئۆلتۈرۈپ، جىنايىتىمىزنى يوشۇرۇشىمىزنىڭ پايدىسى نېمە؟27ئۇنى ئۆزىمىز قول سېلىپ ئۆلتۈرگىنىمىزدىن كۆرە، ئىسمائىللارغا سېتىۋەتكىنىمىز تۈزۈك. ئۇ قانداقلا بولمىسۇن بىزنىڭ ئىنىمىز، بىزنىڭ قان قېرىندىشىمىز، _ دېدى. قېرىنداشلىرى بۇنىڭغا قوشۇلدى.28شۇڭا، مىدياندىن كەلگەن ئىسمائىل قەبىلىسىدىكى سودىگەرلەر ئۇ يەردىن ئۆتكەندە، يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنى قۇدۇقتىن چىقىرىپ، يىگىرمە كۈمۈش تەڭگىگە باھالىشىپ، ئىسمائىللارغا سېتىۋەتتى. بۇ كىشىلەر يۈسۈپنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى.

[داۋامى]

تەۋرات، «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» 41-باب

15پادىشاھ ئۇنىڭغا:

_ مەن بىر چۈش كۆرگەنىدىم. چۈشۈمگە ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى. بىراق ئاڭلىشىمچە، سەن تەبىر بېرەلەيدىكەنسەن، _ دېدى.

16يۈسۈپ:

_ جانابلىرى، مەن شەخسەن ئۆزۈم چۈشكە تەبىر بېرەلمەيمەن. لېكىن، خۇدا ئۆزلىرىگە ياخشى تەبىر بېرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

[داۋامى]

تەۋرات، «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» 39-باب

6پوتىفار ھەممىنى يۈسۈپنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىدىن باشقا ھېچ ئىش بىلەن كارى بولمايدىغان بولدى.

يۈسۈپ كېلىشكەن، چىرايلىق يىگىت ئىدى.7ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭغا خوجايىنىنىڭ ئايالىنىڭ كۆزى چۈشۈپ قېلىپ، ئۇنىڭغا:

_ كەل، مەن بىلەن بىر ئورۇندا يات! _ دېدى.

8يۈسۈپ رەت قىلىپ:

_ ئويلاپ كۆرۈڭ، خوجايىنىم بارلىق تەئەللۇقاتىنى مېنىڭ باشقۇرۇشۇمغا تاپشۇردى. مەن بولغاچقا، ئۇ پۈتۈن ئائىلە ئىشلىرىغا باش قاتۇرمايدۇ.9بۇ ئائىلىدە مەن ئۇنىڭغا ئوخشاش ھوقۇقلۇق. سىزدىن باشقا ھەممىنى ماڭا تاپشۇردى. سىز ئۇنىڭ ئايالى تۇرسىڭىز، مەن قانداقمۇ بۇنداق ئەخلاقسىز ئىشنى قىلىپ، خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولاي؟ _ دېدى.

10پوتىفارنىڭ ئايالى ھەر كۈنى شېرىن سۆزلەر بىلەن يۈسۈپنى ئۆزىگە تارتسىمۇ، يۈسۈپ ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتماق تۈگۈل، ئۇنىڭ بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇشنىمۇ رەت قىلىپ كەلدى.

11بىر كۈنى، يۈسۈپ ئۆز ئىشى بىلەن ئۆيگە كىردى. ئۇ چاغدا، ئۆيدە باشقا خىزمەتچىلەر يوق ئىدى.12پوتىفارنىڭ ئايالى يۈسۈپنىڭ تونىغا ئېسىلىۋېلىپ:

_ كەلگىن، بىر ئورۇندا ياتايلى! _ دېدى. بىراق، يۈسۈپ قېچىپ، تاشقىرىغا چىقىپ كەتتى. تونى بولسا ئايالنىڭ قولىدا قالدى.13ئۇ يۈسۈپنىڭ تونىنى تاشلاپ قېچىپ چىقىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ،14چۇقان سېلىپ، ئۆي خىزمەتچىلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا:

_ قاراڭلار، ئېرىم ئەكەلگەن ئىبرانىي قۇل بىزگە ھاقارەت كەلتۈردى. ئۇ مېنىڭ ھۇجرامغا كىرىپ، نومۇسۇمغا تەگمەكچى بولغانىدى، مەن ئاۋازىمنىڭ بارىچە ۋارقىرىدىم.15ئۇ مېنىڭ ۋارقىرىغىنىمنى ئاڭلاپ، تونىنى ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي، قېچىپ چىقىپ كەتتى، _ دېدى.

[داۋامى]

تەۋرات، «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» 50-باب

18ئاندىن، يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، بېشى يەرگە تەگكۈچە تەزىم قىلىپ، مۇنداق دېدى:

_ بىز سېنىڭ قۇلۇڭ بولايلى!

19يۈسۈپ ئۇلارغا:

_ قورقماڭلار! مەن ھۆكۈم قىلىپ جازالايدىغان خۇدا ئەمەسمەن!20سىلەر ئەسلىدە ماڭا زىيانكەشلىك قىلماقچىدىڭلار، لېكىن خۇدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، يامان ئىشىڭلارنى ياخشى ئىشقا ئايلاندۇردى. بۈگۈن مانا شۇنچە نۇرغۇن كىشىلەر ھايات قالدى.21سىلەر قورقماڭلار. مەن چوقۇم سىلەرگىمۇ پەرزەنتلىرىڭلارغىمۇ غەمخورلۇق قىلىمەن، _ دېدى.

يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا مېھرىبانلىق بىلەن تەسەللى بېرىپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلدى.

[داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

yengi mezmun

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر