سوئال

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 1- باب

18ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشى مۇنداق بولغان: مەريەم بىلەن يۈسۈپنىڭ چېيى ئىچكۈزۈلگەنىدى. بىراق، ئۇلار نىكاھلىنىپ بىرلىشىشتىن ئىلگىرى، مەريەمنىڭ مۇقەددەس روھتىن ھامىلىدار بولغانلىقى مەلۇم بولدى. 19مەريەمنىڭ لايىقى يۈسۈپ دۇرۇس ئادەم بولغاچقا، مەريەمنى خالايىق ئالدىدا نومۇسقا قالدۇرماسلىق ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن جىمجىتلا ئايرىلىپ كەتمەكچى بولدى. 20بىراق، ئۇ بۇ ئىشنى ئويلاپ يۈرگىنىدە، پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ: «ئەي داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى يۈسۈپ، مەريەمنى ئەمرىڭگە ئېلىشتىن قورقما، چۈنكى تۇغۇلىدىغان بالا مۇقەددەس روھتىن كەلگەن. 21ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇنىڭغا ئەيسا [مەنىسى «پەرۋەردىگار قۇتقۇزىدۇ»] دەپ ئىسىم قويغىن، چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ» دېدى.

22مانا بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق: 23«پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمى ئىممانۇئېل [مەنىسى ‹خۇدا بىز بىلەن بىللە›] قويۇلىدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىدۇر. 24يۈسۈپ ئويغىنىپ پەرىشتىنىڭ دېگىنىنى قىلىپ، مەريەمنى ئەمرىگە ئالدى. 25لېكىن، مەريەم بوشانغۇچە ئۇنىڭ بىلەن بىر ياستۇققا باش قويمىدى. بالا تۇغۇلغاندا، يۈسۈپ ئۇنىڭغا ئەيسا دەپ ئىسىم قويدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 1- باب

26-27ئېلىزابېت ھامىلىدار بولۇپ ئالتە ئاي بولغاندا، خۇدا پەرىشتە جەبرائىلنى جەلىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسىرە دېگەن شەھەرگە، مەريەم ئىسىملىك بىر قىزنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. مەريەم بىلەن داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان يۈسۈپنىڭ چېيى ئىچكۈزۈلگەنىدى.

28جەبرائىل مەريەمنىڭ ئالدىغا بېرىپ:

_ سالام ساڭا، ئەي خۇدانىڭ شەپقىتىگە مۇيەسسەر بولغان قىز. رەببىم ساڭا ياردۇر! _ دېدى.

29بۇنىڭدىن بەك تەمتىرەپ كەتكەن مەريەم بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى نېمىدۇ، دەپ ئويلىدى. 30جەبرائىل ئۇنىڭغا:

_ ئەي مەريەم، قورقمىغىن. سەن خۇدانىڭ شەپقىتىگە ئېرىشتىڭ. 31ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن، ئىسمىنى ئەيسا [مەنىسى «پەرۋەردىگار قۇتقۇزىدۇ»] قويغىن. 32ئۇ ئۇلۇغ بولىدۇ، ئۇلۇغ خۇدا ئۇنى ئوغلۇم، دەپ ئاتايدۇ. پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنى ئەجدادى پادىشاھ داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزىدۇ. 33ئۇ ياقۇپنىڭ جەمەتى بولغان ئىسرائىللارنىڭ مەڭگۈ پادىشاھى بولىدۇ، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى چەكسىزدۇر، _ دېدى.

34_ مەن تېخى قىز تۇرسام، بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ _ دەپ سورىدى مەريەم پەرىشتىدىن.

35_ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ. ئۇلۇغ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ساڭا سايە بولۇپ يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا، سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس پەرزەنت خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ. 36تۇغقىنىڭ ئېلىزابېتقا قارا! كىشىلەر ئۇنى تۇغماس دەيتتى. ئۇ ھازىر شۇنچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئوغۇلغا قورساق كۆتۈرگىنىگە ئالتە ئاي بولۇپ قالدى. 37چۈنكى، خۇدا قىلالمايدىغان ھېچقانداق ئىش يوق، _ دېدى جەبرائىل.

38_ مەن خۇدانىڭ خىزمىتىگە تەييارمەن، دېگىنىڭىزدەك بولسۇن، _ دېدى مەريەم. شۇنىڭ بىلەن، جەبرائىل ئۇنىڭ يېنىدىن كەتتى. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 1- باب

46مەريەممۇ خۇش بولۇپ مۇنداق دېدى:

«قەلبىمدىن ئۇلۇغلايمەن رەببىمنى،

47قۇتقۇزغۇچىم خۇدا قىلدى خۇرسەن دىلىمنى،

48ياد ئەتتى ئۇ مەندەك ئەرزىمەس بىر قۇلىنى.

ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە بەختلىك، دەپ ئاتىلارمەن شۇندىن بېرى،

49چۈنكى، قادىر خۇدا مەن ئۈچۈن ياراتتى ئۇلۇغ ئىشلارنى.

مۇقەددەستۇر ئۇنىڭ نامى،

50مېھىر-شەپقەت قىلار ئۇ ئىخلاسمەنلەرگە

ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە.

51كۈچلۈك قولىنى سوزۇپ، تارمار قىلدى

ھىيلە-مىكىرلىك تەكەببۇرلارنى.

52تەختىدىن چۈشۈردى ئۇ كۈچلۈك ھۆكۈمدارلارنى،

كۆتۈردى ئەرزىمەسلەرنىڭ قەددىنى.

53سورىغانلىرىنى بەردى ئېھتىياجلىقلارغا،

قۇرۇق قول قايتۇردى خۇداغا ئېھتىياجسىز بىز، دەپ قارىغان بايلارنى.

54قىلغان ۋەدىسىنى ئېسىدە تۇتۇپ، بىز ئىسرائىللارغا رەھىم قىلدى.

55چۈنكى، ئۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىم ھەم ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا

‹ئەۋلادىڭغا مەڭگۈ مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن› دەپ ۋەدە قىلغانىدى.» [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 19- باب

25ھەزرىتى ئەيسانىڭ كرېستىنىڭ يېنىدا ئانىسى، ئانىسىنىڭ سىڭلىسى، كلوپانىڭ ئايالى مەريەم ۋە مەجدەللىك مەريەملەر تۇراتتى. 26ھەزرىتى ئەيسا ئانىسى بىلەن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان شاگىرتىنىڭ بىرگە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئانىسىغا:

_ ئانا، بۇ سىزنىڭ ئوغلىڭىز بولسۇن، _ دېدى.

27كېيىن، شاگىرتىغا:

_ بۇ سېنىڭ ئاناڭ بولسۇن، _ دېدى.

شۇ ۋاقىتتىن ئېتىبارەن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇ شاگىرتى مەريەمنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇرغۇزدى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر