راھىلە~ ياقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 29- باب

9ياقۇپنىڭ پادىچىلار بىلەن پارىڭى تېخى تۈگىمەيلا، راھىلە پادىلىرىنى ھەيدەپ يېتىپ كەلدى. 10ياقۇپ راھىلە بىلەن تاغىسى لاباننىڭ قوي پادىسىنى كۆرۈپلا، قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى دومىلىتىۋېتىپ، ئۇنىڭ قويلىرىنى سۇغىرىپ بەردى. 11-12ئاندىن، ئۇ راھىلەنى سۆيۈپ، ھاياجان بىلەن يىغلاپ كەتتى ۋە راھىلەگە:

_ مەن سىزنىڭ دادىڭىزنىڭ جىيەنى، يەنى رىبەقانىڭ ئوغلى بولىمەن، _ دېدى.

راھىلە يۈگۈرگەن پېتى قايتىپ بېرىپ، ئاتىسىغا ئېيتتى. 13لابان جىيەنى ياقۇپنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاش بىلەنلا، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، قۇچاقلاپ سۆيۈپ كۆرۈشۈپ ئۆيىگە باشلاپ كىردى. ياقۇپ ئۇنىڭغا يۈز بەرگەن پۈتۈن ئىشنى ئېيتىپ بەردى.

14_ سەن ھەقىقەتەن مېنىڭ جان-جىگەر تۇغقىنىم! _ دېدى لابان. شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ ئۇ يەردە بىر ئاي تۇردى.

15بىر كۈنى، لابان ياقۇپقا:

_ سەن مېنىڭ جىيەنىم بولساڭمۇ، ماڭا بىكارغا ئىشلەپ بەرسەڭ بولماس. ئېيتقىن، قانچىلىك ئىش ھەققى تەلەپ قىلىسەن؟ _ دېدى.

16لاباننىڭ ئىككى قىزى بولۇپ، چوڭىنىڭ ئىسمى لېياھ، كىچىكىنىڭ ئىسمى راھىلە ئىدى. 17لېياھنىڭ كۆزلىرى نۇرسىز ئىدى، راھىلە بولسا گۈزەل ۋە كېلىشكەن قىز ئىدى. 18ياقۇپ راھىلەگە ئاشىق بولۇپ قالغانىدى. شۇڭا، ئۇ:

_ ئەگەر سىز راھىلەنى ماڭا بەرسىڭىز، مەن سىزگە يەتتە يىل ئىشلەپ بېرەي، _ دەپ ئىلتىماس قىلدى.

19لابان ئۇنىڭغا:

_ ئۇنى باشقا بىرىگە بەرگىنىمدىن ساڭا بەرگىنىم ئەلا! سەن مېنىڭ يېنىمدا تۇر، _ دېدى.

20ياقۇپ راھىلەنى ئېلىش ئۈچۈن يەتتە يىل ئىشلەپ بەرگەن بولسىمۇ، بۇ كۈنلەر ئۇنىڭغا بىرنەچچە كۈندەكلا بىلىندى. چۈنكى، ئۇ راھىلەنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 30- باب

1راھىلە ياقۇپقا بالا تۇغۇپ بېرەلمىگەچكە، ھەدىسىگە ھەسەت قىلىپ، ياقۇپقا:

_ مەندىنمۇ بالا تېپىڭ، بولمىسا ئۆلگىنىم ياخشى! _ دېدى.

2ياقۇپ راھىلەگە ئاچچىقلاپ:

_ سېنى تۇغماس قىلىپ قويغان خۇدا تۇرسا، مەن نېمە قىلالايتتىم؟ _ دېدى.

3راھىلە ئۇنىڭغا:

_ سىز مېنىڭ دېدىكىم بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا يېتىڭ. ئۇ ماڭا بالا تۇغۇپ بەرسۇن، بۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئانا بولۇپ قالاي، _ دېدى.

4شۇنداق قىلىپ، راھىلە دېدىكى بىلھاھنى ئېرىگە كىچىك خوتۇنلۇققا بەردى. ياقۇپ بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى. 5بىلھاھ ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. 6راھىلە: «خۇدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ دۇئايىمنى ئاڭلاپ، ماڭا بىر ئوغۇل بەردى!» دېدى. شۇڭا، بالىنىڭ ئىسمىنى دان [ئاھاڭ جەھەتتە «ئادىل ھۆكۈم چىقىرىش»] دەپ قويدى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 31- باب

1ياقۇپ لاباننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ: «ئاتىمىزنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكىنى ياقۇپ بۇلىۋالدى. ئۇنىڭ پۈتۈن بايلىقى بىزنىڭ ئاتىمىزغا تەئەللۇق!» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدى. 2ياقۇپ ئۆزىمۇ لاباننىڭ بۇرۇنقىدەك دوستانە مۇئامىلە قىلمايۋاتقانلىقىنى سەزدى. 3بۇ چاغدا، پەرۋەردىگار ياقۇپقا: «سەن ئاتا-بوۋاڭ ياشىغان يۇرتۇڭغا، يەنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ يېنىغا بار، مەن ساڭا يار بولىمەن» دېدى.

4بۇنىڭ بىلەن، ياقۇپ راھىلە بىلەن لېياھقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئۆزى قوي باقىدىغان يەرگە كېلىپ، ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشنى بۇيرۇدى 5ۋە ئۇلارغا:

_ داداڭلارنىڭ ماڭا بۇرۇنقىدەك دوستانە مۇئامىلىدە بولمايۋاتقانلىقىنى سېزىۋاتىمەن. لېكىن، ئاتام ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ماڭا يار بولۇپ كەلمەكتە. 6سىلەرگە مەلۇمكى، مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاتاڭلارنىڭ خىزمىتىنى قىلدىم. 7لېكىن، ئۇ مېنى ئالداپ، ئىش ھەققىمنى ئون قېتىم ئۆزگەرتتى. گەرچە ئۇ شۇنداق قىلغان بولسىمۇ، خۇدا ئۇنىڭ ماڭا زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويمىدى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 35- باب

16ياقۇپ ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بەيتەلدىن يولغا چىقىپ، ئەفراتا شەھىرىگە ئاز قالغاندا، راھىلەنىڭ تولغىقى تۇتۇپ، تۇغۇتى قىيىن بولدى. 17تولغاق چىدىغۇسىز قاتتىق كەلگەندە، تۇغۇت ئانىسى ئۇنىڭغا:

_ قورقما، يەنە بىر ئوغۇل تۇغىسەن، _ دېدى.

18ئۇنىڭ جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ، نەپىسى توختاي دېگەندە، بالىسىغا بىنئونى [مەنىسى «قايغۇلۇق ئوغلۇم»] دەپ ئىسىم قويدى. بالىنىڭ دادىسى بولسا ئۇنىڭغا بىنيامىن [مەنىسى «ئامەتلىك بالا»] دەپ ئىسىم قويدى.

19راھىلە ۋاپات بولۇپ، ئەفراتاغا، يەنى ھازىر «بەيتلەھەم» دەپ ئاتىلىدىغان شەھەرگە ماڭىدىغان يولنىڭ بويىغا دەپنە قىلىندى. 20ياقۇپ راھىلەنىڭ قەبرىسىنىڭ ئۈستىگە بىر تاش ئابىدە قويغانىدى. بۇ تاش ھازىرغىچە بار. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى