ئالاھىدە چۈش ۋە ۋەھىيلەر

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 37- باب

5بىر كۈنى يۈسۈپ چۈش كۆرۈپ، ئۇنى ئاكىلىرىغا ئېيتىپ بەردى. ئۇلار ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدىنمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتى. 6ئۇ:

_ قۇلاق سېلىڭلار! كۆرگەن چۈشۈمنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي. 7بىز ھەممەيلەن ئېتىزدا بۇغداي باغلاۋاتقۇدەكمىز. مېنىڭ باغلىغان بۇغدىيىم تىكلىنىپ تۈز تۇرغۇدەك، سىلەرنىڭ باغلىغانلىرىڭلار مېنىڭكىنىڭ ئەتراپىدا بېشىنى ئېگىپ تەزىم قىلىپ تۇرغۇدەك! _ دېدى.

8ئاكىلىرى ئۇنىڭدىن:

_ سەن پادىشاھ بولۇپ، بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلماقچىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. يۈسۈپ چۈشىنى ئاكىلىرىغا ئۆرۈپ بەرگەنلىكىدىن، ئۇلار ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتى.

9كېيىن، يۈسۈپ يەنە بىر چۈش كۆرۈپ، ئۇنىمۇ ئاكىلىرىغا ئېيتىپ بېرىپ، ئۇلارغا:

_ مەن يەنە بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە قۇياش، ئاي، ۋە ئون بىر يۇلتۇز ماڭا تەزىم قىلىپ تۇرغۇدەك! _ دېدى.

10يۈسۈپ بۇ چۈشنى ئاتىسىغىمۇ ئېيتىپ بەردى. ئاتىسى ئۇنى ئەيىبلەپ:

_ قانداق چۈش بۇ؟ سەن ئاناڭ، ئاكىلىرىڭ ۋە مېنىڭ ساڭا باش ئېگىپ تەزىم قىلىشىمىزنى ئويلامسەن؟ _ دېدى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 40- باب

5بىر كۈنى كېچىدە باش ساقىي بىلەن باش ناۋاي چۈش كۆردى. ئىككىيلەننىڭ كۆرگەن چۈشلىرىنىڭ مەنىسى ئوخشىمايتتى. 6ئەتىسى ئەتىگەندە، يۈسۈپ ئۇلارنى يوقلاپ كىرگىنىدە، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنىڭ بىئاراملىقىنى بىلدى. 7ئۇ ئۇلاردىن:

_ سىلەر بۈگۈن نېمانچىلا پەرىشان؟ _ دەپ سورىدى.

8ئۇلار:

_ ئىككىمىز ئاخشام چۈش كۆردۇق. لېكىن، چۈشىمىزنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرىدىغان ئادەم يوق، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

يۈسۈپ ئۇلارغا:

_ چۈشكە تەبىر بېرىش قابىلىيىتى خۇدادىن كېلىدۇ. چۈشۈڭلارنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار، _ دېدى.

9بۇنىڭ بىلەن، باش ساقىي مۇنداق دېدى:

_ چۈشۈمدە ئالدىمدا بىر تۈپ ئۈزۈم كۆچىتىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. 10كۆچەتتە ئۈچ تال نوتا شاخ بولۇپ، كۆچەت بىخلاش بىلەنلا چېچەكلەپ، مېۋە پىشتى. 11قولۇمدا پادىشاھنىڭ شاراب جامى بولۇپ، مەن ئۈزۈملەرنى ئۈزۈپ، شىرنىسىنى جامغا سىقىپ، جامنى پادىشاھقا سۇندۇم.

12يۈسۈپ مۇنداق دېدى:

_ بۇ چۈشنىڭ مەنىسى مۇنداق: ئۈچ نوتا شاخ _ ئۈچ كۈننى كۆرسىتىدۇ. 13ئۈچ كۈندىن كېيىن، پادىشاھ سىزگە كەڭچىلىك قىلىپ، ئەسلى مەنسىپىڭىزنى بېرىدىكەن. سىز پادىشاھقا بۇرۇن باش ساقىي بولغان ۋاقتىڭىزدىكىدەك يەنە شاراب تۇتىدىكەنسىز. 14ئەمما، ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاندا، مېنى ئۇنتۇپ قالماي، ماڭا ھېسداشلىق قىلغايسىز. پادىشاھ ئالدىدا مەن ئۈچۈن گەپ قىلىپ، زىنداندىن چىقىشىمغا ياردەم قىلغايسىز. 15مەن ئەسلىدە ئىبرانىيمەن، يۇرتۇمدىن ناھەق تۇتۇپ كېلىنگەنمەن. مىسىردىمۇ مېنى زىندانغا تاشلىغۇدەك بىرەر يامان ئىش قىلغىنىم يوق.

16يۈسۈپنىڭ باش ساقىينىڭ چۈشىگە ياخشى تەبىر بەرگەنلىكىنى كۆرگەن باش ناۋاي يۈسۈپكە مۇنداق دېدى:

_ مەنمۇ بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە بېشىمدا ئۈچ سېۋەتتە نان بارمىش. 17ئەڭ ئۈستىدىكى سېۋەتتە پادىشاھ يەيدىغان ھەر خىل ئۇندىن پىشۇرۇلغان نازۇنېمەتلەر بارمىش. لېكىن، ئۇلارنى ئۇچارقاناتلار يەۋاتقۇدەكمىش.

18يۈسۈپ مۇنداق دېدى:

_ بۇ چۈشنىڭ مەنىسى مۇنداق: ئۈچ سېۋەت ئۈچ كۈننى كۆرسىتىدۇ. 19ئۈچ كۈندىن كېيىن، پادىشاھ كاللىڭىزنى ئېلىپ، جەسىتىڭىزنى دەرەخكە ئاسىدىكەن، تېنىڭىزنى بولسا ئۇچارقانات يەيدىكەن.

20ئۈچ كۈندىن كېيىن، پادىشاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، پادىشاھ ئۆز ئەمەلدارلىرىغا زىياپەت بەردى. ئۇ باش ساقىي بىلەن باش ناۋاينى زىنداندىن چىقىرىپ، ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. 21ئۇ باش ساقىينىڭ مەنسىپىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 41- باب

14پادىشاھ يۈسۈپنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار دەرھال بېرىپ، ئۇنى زىنداندىن چىقىرىپ، چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرتۈپ، كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. 15پادىشاھ ئۇنىڭغا:

_ مەن بىر چۈش كۆرگەنىدىم. چۈشۈمگە ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى. بىراق ئاڭلىشىمچە، سەن تەبىر بېرەلەيدىكەنسەن، _ دېدى.

16يۈسۈپ:

_ جانابلىرى، مەن شەخسەن ئۆزۈم چۈشكە تەبىر بېرەلمەيمەن. لېكىن، خۇدا ئۆزلىرىگە ياخشى تەبىر بېرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

17پادىشاھ مۇنداق دېدى:

_ چۈشۈمدە مەن نىل دەرياسىنىڭ بويىدا تۇرۇپتىمىشمەن. 18يەتتە تۇياق ساغلام ھەم سېمىز كالا دەريادىن چىقىپ، قىرغاقتىكى قومۇشلۇقتا ئوتلاۋاتاتتى. 19ئارقىدىن يەنە يەتتە تۇياق سەت قوتۇر ۋە ئاۋاق كالا دەريادىن چىقتى. مەن بۇرۇن مىسىردا بۇنداق قورقۇنچلۇق كالا كۆرۈپ باقمىغانىدىم. 20بۇ قوتۇر كالىلار ھېلىقى سېمىز كالىلارنى يەۋەتتى. 21لېكىن، يەنىلا بۇرۇنقىدەك سەت ئىدىكى، سېمىز كالىلارنى يەۋەتكەندەك تۇرمايتتى. بۇ چاغدا، مەن ئويغىنىپ كەتتىم.

22كەينىدىن، يەنە بىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە بىر تۈپ بۇغداي يەتتە دانە تولۇق ۋە يېتىلگەن باشاق چىقاردى. 23كەينىدىن، يەنە يەتتە دانە ئىسسىق شامالدىن سولىشىپ كەتكەن ئاجىز ۋە پۇچەك باشاق چىقاردى. 24بۇ دانسىز باشاقلار ھېلىقى تولۇق يېتىلگەن باشاقلارنى يۇتۇۋەتتى. مەن بۇ چۈشنى تەبىرچىلەرگە ئېيتىپ بەرگەنىدىم، لېكىن ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى.

25يۈسۈپ پادىشاھقا مۇنداق دېدى:

_ بۇ ئىككى چۈشنىڭ مەنىسى بىردۇر. خۇدا ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشلارنى جانابلىرىغا ئالدىن بىلدۈرۈپتۇ. 26يەتتە سېمىز كالا يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ. تولۇق يېتىلگەن يەتتە باشاقمۇ يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككى چۈشنىڭ مەنىسى ئوخشاش. 27كەينىدىن چىققان يەتتە قوتۇر كالا بىلەن ئىسسىق شامالدىن سولىشىپ كەتكەن يەتتە پۇچەك باشاق بولسا يەتتە قەھەتچىلىك يىلنى كۆرسىتىدۇ. 28دېمەك، پېقىر ھېلى ئۆزلىرىگە دېگىنىمدەك، خۇدا ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشلارنى جانابلىرىغا ئالدىن كۆرسىتىپتۇ. 29پۈتكۈل مىسىردا مىسلى كۆرۈلمىگەن يەتتە باياشاتچىلىق يىل بولىدۇ. 30كەينىدىن، يەتتە قەھەتچىلىك يىل بولۇپ، پۈتكۈل مىسىرنى ئاچارچىلىق قاپلاپ، ئىلگىرىكى باياشات يىللارنى كىشىلەرنىڭ يادىدىن چىقىرىۋېتىدۇ. 31ئاچارچىلىق ئاپىتى شۇنداق قاتتىق بولىدۇكى، كىشىلەر بۇرۇنقى باياشات يىللارنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. 32جانابلىرىنىڭ ئوخشاش ئىككى چۈش كۆرۈشلىرى خۇدانىڭ بۇ ئىشلارنى پات ئارىدا جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. [داۋامى]

تەۋرات، « دانىيال » 2- باب

26پادىشاھ دانىيالدىن (بېلتىشاززار دەپمۇ ئاتىلىدۇ):

_ سەن مېنىڭ نېمە چۈش كۆرگەنلىكىمنى بىلەلەمسەن ۋە چۈشۈمگە تەبىر بېرەلەمسەن؟ _ دەپ سورىدى.

27دانىيال مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ھېچقانداق بىر ھۆكۈما، پالچى، سېھىرگەر ياكى مۇنەججىم ئالىيلىرى سورىغان بۇ سىرلىق ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. 28لېكىن ئەرشتە سىرلارنى يېشەلەيدىغان بىر خۇدا بار. ئۇ پادىشاھ ئالىيلىرىغا كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىپ بەرگەن. سىلى ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا كۆرگەن چۈش ۋە ئالامەتلەر مۇنداق:

29پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلىنىڭ ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا كۆرگەن چۈشلىرى كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلاردىن بېشارەتتۇر. سىرلىق ئىشلارنى ئاشكارا قىلالايدىغان خۇدا سىلىگە كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن ئالدىن بېشارەت بەرگەندۇر. 30بۇ سىرنىڭ ماڭا ئاشكارا قىلىنغانلىقى مېنىڭ دانالىقىمنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلى كۆرگەن بۇ چۈشنىڭ مەنىسىنى بىلىشلىرى ئۈچۈندۇر.

31پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى چۈشلىرىدە ئالدىلىرىدا يالتىراپ، چاقناپ تۇرغان ناھايىتى چوڭ بىر ھەيكەلنى كۆردىلە. بۇ ھەيكەلنىڭ تۇرقى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بولۇپ، 32ئۇنىڭ بېشى ساپ ئالتۇندىن، كۆكرىكى ۋە بىلىكى كۈمۈشتىن، قورسىقى ۋە يوتىسى تۇچتىن ياسالغان. 33پاچىقى تۆمۈردىن، پۇتىنىڭ بىر قىسمى تۆمۈردىن، بىر قىسمى ساپالدىن ياسالغان. 34سىلى ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغانلىرىدا، ئىنسان قولى بىلەن قېزىۋېلىنمىغان بىر قورام تاش دومىلاپ كېلىپ، ھەيكەلنىڭ تۆمۈر ۋە ساپالدىن ياسالغان پۇتلىرىغا ئۇرۇلدى-دە، ئۇلارنى پارچە-پارچە قىلىۋەتتى. 35شۇنىڭ بىلەن تۆمۈر، ساپال، تۇچ، كۈمۈش ۋە ئالتۇنلار پارچە-پارچە بولۇپ، خۇددى يازدا خامانغا دۆۋىلەپ قويۇلغان ساماننى بوران ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك، ھەيكەلنىڭ پارچىلىرىدىن ھېچبىر ئەسەر قالمىدى. ئەمما ھەيكەلنى چېقىپ تاشلىغان ھېلىقى قورام تاش چوڭ بىر تاغقا ئايلىنىپ، پۈتۈن يەر يۈزىنى قاپلىدى. 36بۇ سىلىنىڭ كۆرگەن چۈشلىرىدۇر، ئەمدى چۈشلىرىگە تەبىر بېرەي. [داۋامى]

تەۋرات، « دانىيال » 2- باب

46پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يەرگە باش قويۇپ، دانىيالغا تەزىم قىلدى. پادىشاھ ئادەملىرىگە دانىيالغا يېمەكلىك ھەدىيە قىلىش ۋە ئىسرىق كۆيدۈرۈش پەرمانىنى چۈشۈردى. 47ئۇ دانىيالغا:

_ راست، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى، پادىشاھلارنىڭ ئىگىسى، سىرلارنىڭ يەشكۈچىسى ئىكەن. چۈنكى بۇ سىرنى پەقەت سەنلا ماڭا يېشىپ بېرەلىدىڭ، _ دېدى. [داۋامى]

تەۋرات، « دانىيال » 4- باب

4مەن نىبۇكادنەزەر ئوردامدا باياشات ۋە راھەت ياشاۋاتقانىدىم. 5بىر كۈنى كېچىدە قورقۇنچلۇق بىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەردىن شۇنداق قورقۇپ كەتتىم. 6مەن بابىلدىكى بارلىق ھۆكۈمالارنى ئالدىمغا چاقىرتىپ كېلىپ، چۈشۈمگە تەبىر بېرىشكە بۇيرۇدۇم. 7شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەر، پالچى، باخشى ۋە مۇنەججىملەر ئالدىمغا كېلىشتى. مەن ئۇلارغا چۈشۈمنى دەپ بەردىم. ئەمما ئۇلار چۈشۈمگە تەبىر بېرەلمىدى. 8ئاخىرىدا دانىيال ھۇزۇرۇمغا كەلدى. (مەن، ئىلاھىمنىڭ ئىسمىغا ئوخشىتىپ، ئۇنىڭغىمۇ بېلتىشاززار دەپ ئىسىم قويغان ئىدىم). ئۇنىڭدا مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار ئىكەن. مەن چۈشۈمنى ئۇنىڭغا دەپ بەردىم. 9مەن ئۇنىڭغا: «ئەي ھۆكۈمالارنىڭ ئۇستازى بېلتىشاززار، سەندە مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بارلىقىنى بىلىمەن، سەن يېشەلمەيدىغان ھېچقانداق سىر يوق. چۈشۈمگە تەبىر بەرگىن. [داۋامى]

تەۋرات، « دانىيال » 8- باب

15مەن دانىيال غايىبانە ئالامەتتە زاھىر بولغان بۇ ئىشلارنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلمەكچى بولدۇم. شۇ چاغدا تۇرقى ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرسى ئالدىمدا پەيدا بولدى. 16شۇ پەيتتە مەن: «جەبرائىل، بۇ غايىبانە ئالامەتتە زاھىر بولغان ئىشلارنىڭ مەنىسىنى بۇ ئادەمگە ئېيتىپ بەرگىن» دېگەن بىر ئاۋازنىڭ ئۇلاي قانىلىدىن چىققانلىقىنى ئاڭلىدىم.

17جەبرائىل ئالدىمغا كەلدى. مەن قورقۇپ، يەرگە باش قويدۇم. ئۇ ماڭا:

_ ئەي ئادەم، شۇنى بىلگىنكى، بۇ غايىبانە ئالامەتتە زاھىر بولغان ئىشلار زامان ئاخىرىنىڭ بېشارىتىدۇر، _ دېدى. [داۋامى]

تەۋرات، « دانىيال » 10- باب

1پېرسىيە پادىشاھى كورەش ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى، بېلتىشاززار دەپمۇ ئاتالغان دانىيالغا خۇدادىن بىر ۋەھىي كەلدى. بۇ ۋەھىي راست، لېكىن چۈشىنىش ناھايىتى قىيىن ئىدى. دانىيال غايىبانە ئالامەتلەردىن ئۇنىڭ تەبىرىنى كۆردى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 1- باب

18ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشى مۇنداق بولغان: مەريەم بىلەن يۈسۈپنىڭ چېيى ئىچكۈزۈلگەنىدى. بىراق، ئۇلار نىكاھلىنىپ بىرلىشىشتىن ئىلگىرى، مەريەمنىڭ مۇقەددەس روھتىن ھامىلىدار بولغانلىقى مەلۇم بولدى. 19مەريەمنىڭ لايىقى يۈسۈپ دۇرۇس ئادەم بولغاچقا، مەريەمنى خالايىق ئالدىدا نومۇسقا قالدۇرماسلىق ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن جىمجىتلا ئايرىلىپ كەتمەكچى بولدى. 20بىراق، ئۇ بۇ ئىشنى ئويلاپ يۈرگىنىدە، پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ: «ئەي داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى يۈسۈپ، مەريەمنى ئەمرىڭگە ئېلىشتىن قورقما، چۈنكى تۇغۇلىدىغان بالا مۇقەددەس روھتىن كەلگەن. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 2- باب

12ئۇلار قايتماقچى بولغاندا خۇدا ئۇلارنىڭ چۈشىدە ھىرود پادىشاھنىڭ يېنىغا بارماسلىققا بېشارەت بەرگەنلىكتىن، ئۇلار باشقا يول بىلەن ئۆز يۇرتىغا قايتىشتى.

13مۇنەججىملەر كەتكەندىن كېيىن، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى يۈسۈپنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ:

_ ئورنۇڭدىن تۇر! ئانا-بالا ئىككىسىنى ئېلىپ مىسىرغا قاچ. مەن ساڭا خەۋەر بەرگۈچە ئۇ يەردە تۇر. چۈنكى، ھىرود پادىشاھ بالىنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆلتۈرمەكچى، _ دېدى.

14بۇنىڭ بىلەن، يۈسۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئانا-بالا ئىككىسىنى ئېلىپ، شۇ كېچىلا مىسىرغا قاراپ يولغا چىقتى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى