يەشايا ئەلەيھىسسالام

تەۋرات، « يەشايا » 6- باب

1ئۇززىيا پادىشاھ ۋاپات بولغان يىلى، مەن كۆكتە يۈكسەك تەختتە ئولتۇرغان ئىگەمنى كۆردۈم. ئۇنىڭ لىباسىنىڭ ئېتىكى ئىبادەتخانا ئىچىگە تولغانىدى. 2ئۈستى تەرىپىدە يېنىپ تۇرغان «سىراف»لار بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئالتە قانىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككى قانىتى يۈزىنى يېپىپ تۇراتتى، يەنە ئىككى قانىتى پۇتلىرىنى يېپىپ تۇراتتى، قالغان ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچۇپ تۇراتتى. 3ئۇلار بىر-بىرىگە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن:

«مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر

قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار!

پۈتكۈل يەر-زېمىن تولغاندۇر ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا!» دەپ ۋارقىرىشاتتى.

4ئۇلارنىڭ ئاۋازى پۈتكۈل ئىبادەتخانىنى تەۋرىتىۋەتتى، ئۇ يەر تۈتۈنگە تولدى.

5مەن ئۆزۈمگە شۇنداق دېدىم:

_ ھالىمغا ۋاي! مەن تۈگەشتىم. چۈنكى ئېغىزىم گۇناھقا پاتقان ھەمدە ئېغىزى گۇناھقا پاتقانلار ئارىسىدا ياشايدىغان مەن، ئالەمنىڭ پادىشاھى، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم!

6سىرافلارنىڭ بىرى قۇربانلىق سۇپىسىدىن لاخشىگىر بىلەن ئالغان بىر چوغنى قولىدا تۇتۇپ، يېنىمغا ئۇچۇپ كەلدى. 7ئۇ چوغنى ئاغزىمغا تەگكۈزۈپ قويۇپ:

_ قارا، بۇ چوغ لەۋلىرىڭگە تەگكۈزۈلدى، ئەمدى ئەيىبلىرىڭ يۇيۇلدى، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈلدى، _ دېدى.

8مەن يەنە ئىگەمنىڭ: «كىمنى ئەۋەتەي؟ كىم بىز ئۈچۈن بارىدۇ؟» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. مەن:

_ مەن بۇ يەردىمەن، مېنى ئەۋەتىڭ! _ دېدىم. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 2- باب

1بۇ، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم توغرىسىدا ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا كەلگەن ۋەھىي:

2شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى جايلاشقان تاغ،

تاغلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرىدۇ.

ئۇ ھەممە تاغلاردىن بۈيۈك تۇرىدۇ،

بارلىق ئەللەر ئۇ يەرگە سەلدەك ئېقىپ كېلىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 12- باب

37گەرچە ئۇ خالايىقنىڭ كۆز ئالدىدا شۇنچە مۆجىزە كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىدى. 38بۇ ئەھۋال دەل يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدا ئالدىنئالا كۆرسىتىلگەندەك چىقتى:

«ئى پەرۋەردىگار، بىز يەتكۈزگەن سۆزلەرگە كىم ئىشەندى؟

سېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىڭ كىمگە كۆرسىتىلدى؟»

39-40خالايىق ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلالمىدى. بۇنىڭ سەۋەبىنى يەشايا پەيغەمبەر ئالدىنئالا چۈشەندۈرۈپ بەرگەنىدى:

«پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلدى، قەلبىنى بىخۇدلاشتۇردى. ئۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى كۆرمەس، قەلبى سەزمەس بولۇپ قالدى.

‹ئۇلار گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، ماڭا قايتىشنى خالىمايدۇ. خالىسىدى، مەن ئۇلارنى ساقايتاتتىم› دەيدۇ خۇدا.»

41يەشايا پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ سۆزلەرنى ئۇنىڭغا قارىتا ئالدىنئالا ئېيتقانىدى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى