خۇدا ھەممىدىن يېقىندۇر

« زەبۇر » 23- مۇناجات

5دۈشمەنلىرىم ئالدىدا داستىخان سېلىپ ماڭا،

ئەزىزلەپ مېنى ياغ سۈركەرسەن بېشىمغا،

بەخت شارابىم تولۇپ تاشار ھايات جامىمغا.

6بەرھەق، شاپائەت ۋە مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ،

ھەمراھ بولار ئۆمۈرۋايەت ياندىشىپ ماڭا،

مەڭگۈ ياشايمەن پەرۋەردىگار ھۇزۇرۇڭدا. [داۋامى]

« زەبۇر » 27- مۇناجات

4ئۆتۈنىمەن پەرۋەردىگاردىن بىر ئىشنى،

ئېيتاي يەنى ئىستىگىمنى:

«ياشاپ بىر ئۆمۈر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە،

قانسام ئۇنىڭ گۈزەل ھۆسنىگە،

تەپەككۇر قىلالىسام ئىگەم ھەققىدە.» [داۋامى]

« زەبۇر » 34- مۇناجات

15پەرۋەردىگار نەزەر سالار ھەققانىيلارغا،

جاۋاب بېرەر ئۇلارنىڭ نىدالىرىغا.

16يۈز ئۆرەر پەرۋەردىگار رەزىللەردىن،

يوق قىلار ناملىرىنى يەر يۈزىدىن.

17قۇلاق سالار پەرۋەردىگار نالە قىلسا ھەققانىيلار،

ئۇلارنى بارلىق كۈلپەتلەردىن قۇتۇلدۇرار.

18مىسكىنلەرگە يېقىندۇر پەرۋەردىگار،

روھى ئازاب چەككەنلەرنى قۇتقۇزار. [داۋامى]

« زەبۇر » 139- مۇناجات

1ئى پەرۋەردىگار، كۆردۈڭ قەلبىمنى،

بىلدىڭ مېنى.

2بىلىسەن ئولتۇرۇپ-قوپۇشۇمنى،

چۈشىنىسەن يىراقتىنمۇ ئويلىرىمنى.

3كۆرۈپ تۇرىسەن يۈرۈش-تۇرۇشۇمنى،

ئېنىق ئۇقىسەن بارلىق ئىشلىرىمنى.

4ئى پەرۋەردىگار، بىلىسەن سۆزلىرىمنى،

ھەتتا ئېغىزىمدىن چىقارماستا ئۇلارنى.

5باردۇرسەن ئەتراپىمدا،

قويدۇڭ قولۇڭنى دولامغا.

6قۇدرىتىڭ ئەقلىمنى لال قىلار شۇنچە،

ئەقلىم يەتمەس بۇ سىرلارنى بىلىشكە.

7نەگىمۇ بارالايمەن مۆكۈپ يۈرۈپ روھىڭدىن،

نەگىمۇ كېتەلەيمەن قېچىپ چىقىپ قوينىڭدىن.

8ئاسمانغا چىقساممۇ بارسەن ئۇ يەردە،

لەھەتكە كىرسەممۇ بارسەن ئۇ يەردە.

9پەرۋاز قىلىپ قانىتىدا سەھەرنىڭ،

تۇتسام ماكان ئەڭ چېتىدە دېڭىزنىڭ.

10ئۇ يەردىمۇ يېتەكلەر قولۇڭ،

يۆلەر مېنى ئوڭ قولۇڭ.

11مۆكۈنۈۋالاي دەپ ئويلىساممۇ قاراڭغۇلۇققا،

ئەتراپىمدىكى يورۇقلۇق گەر تۈنگە ئايلانسا،

12تۈن زۇلمىتى قاراڭغۇ كۆرۈنمەس ساڭا،

كېچە گويا كۈندۈزدەك يورۇپ تۇرار،

قاراڭغۇلۇق يوقتۇر سەن ئۈچۈن ئەسلا.

13شۇنداق، سەن ياراتتىڭ ئىچكى ئەزالىرىمنى،

ئاپىرىدە قىلدىڭ ئانامنىڭ قورسىقىدا مېنى.

14شۈكۈر-رەھمەت ئېيتىمەن ساڭا،

چۈنكى قالتىس، ئالامەت ياراتتىڭ مېنى.

شۇنچە كارامەت ئىجادىيەتلىرىڭ،

ياخشى بىلىمەن قەلبىمدە بۇنى.

15مېنى پىنھان ياراتقىنىڭدا،

پۈتۈلگەندە ئانامنىڭ قورسىقىغا،

ساڭا يوچۇن ئەمەستى تېنىم ئەسلا.

16كۆرگەنىدىڭ ھامىلە چېغىمدا مېنى،

كەلمەي تۇرۇپ ھاياتىمنىڭ تۇنجى كۈنى،

تەقدىرىم دەپتىرىڭگە يېزىلغانىدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 1- باب

23«پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمى ئىممانۇئېل [مەنىسى ‹خۇدا بىز بىلەن بىللە›] قويۇلىدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىدۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 14- باب

16مەنمۇ خۇدائاتامدىن سىلەرگە باشقا بىر ياردەمچى ئاتا قىلىشنى تىلەيمەن. ئۇ سىلەر بىلەن مەڭگۈ بىرگە تۇرىدۇ. 17ئۇ بولسىمۇ ھەقىقەتكە باشلىغۇچى _ مۇقەددەس روھتۇر. ئۇنى بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى قوبۇل قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇنى كۆرمەيدۇ، تونۇمايدۇ. بىراق، سىلەر ئۇنى تونۇيسىلەر، چۈنكى ئۇ دائىم سىلەر بىلەن بىللە تۇرىدۇ ھەم سىلەردە ياشىماقچى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 4- باب

16شۇڭا، يۈرىكىمىز توق ھالدا مېھىر-شەپقەتلىك خۇدانىڭ تەختىگە يېقىنلىشايلى. بۇنىڭ بىلەن، خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشىپ، ئېھتىياجلىق ۋاقتىمىزدا ياردەمگە ئىگە بولالايمىز. [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 4- باب

8خۇداغا يېقىنلىشىڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە يېقىنلىشىدۇ. ئەي گۇناھكارلار، گۇناھتىن قول ئۈزۈڭلار. ئەي ھەم خۇدانى، ھەم دۇنيانى دوست تۇتىمىز دېگۈچىلەر، قەلبىڭلارنى پاك قىلىڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت » 3- باب

11ھەممە نەرسە مانا شۇنداق يوقىلىدۇ. ئۇنداقتا، سىلەر قانداق ئادەملەردىن بولۇشۇڭلار كېرەك؟ سىلەر پاك ياشاپ، خۇدا يولىدا ماڭىدىغان ئادەملەردىن بولۇشۇڭلار كېرەك. 12سىلەر قىيامەت كۈنىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ، ئۇ كۈننىڭ تېزرەك كېلىشى ئۈچۈن بار كۈچۈڭلار بىلەن خۇداغا خىزمەت قىلىڭلار. ئۇ كۈننىڭ كېلىشى بىلەن پۈتۈن ئاسمان كۆيۈپ تۈگەيدۇ، ئاسمان جىسىملىرىمۇ شىددەتلىك ئوتتا ئېرىپ يوقايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 22- باب

7ئەيسا مەسىھ مۇنداق دېدى: «مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! بۇ كىتابتىكى بېشارەتلىك سۆزلەرگە ئەمەل قىلغانلار نەقەدەر بەختلىك!» [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 22- باب

12ئەيسا مەسىھ مۇنداق دېدى: «مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ، بېرىدىغىنىمنى ئۆزۈم بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىمەن. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى