خۇدا كەچۈرۈم قىلغۇچىدۇر

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 34- باب

6پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ:

_ مەن «مەڭگۈ بار بولغۇچى»، يەنى پەرۋەردىگاردۇرمەن. مەن ئىنتايىن مېھرىبان ۋە رەھىمدىل خۇدادۇرمەن. ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيمەن، مېھىر-مۇھەببىتىم مول، ۋاپادارمەن. 7مىڭلىغان ئەۋلادلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمنى ئۈزۈلدۈرمەي، گۇناھ ۋە سەۋەنلىكلەرنى كەچۈرۈم قىلىمەن. لېكىن، مەن گۇناھكارلارنى جازالىماي قويمايمەن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادقىچە جازالايمەن، _ دېدى. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 55- باب

7رەزىل ئادەملەر رەزىللىك قىلىشتىن توختىسۇن،

گۇناھكار ئادەملەر يامان نىيەتلىرىدىن يانسۇن،

ئۇلار پەرۋەردىگارىمىزنىڭ يولىغا قايتسۇن،

پەرۋەردىگار ئۇلارغا رەھىمدىللىك كۆرسىتىدۇ.

ئۇلار خۇدانىڭ يولىغا قايتسۇن،

ئەپۇچان خۇدايىمىز ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرىدۇ. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 1- باب

18پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«كېلىڭلار، بىرلىكتە باش قوشۇپ، بۇنى ھەل قىلايلى.

گەرچە گۇناھلىرىڭلار قىزىل داغدەك بولسىمۇ،

ئۇلار قاردەك ئاق بولىدۇ.

ئۇلار ھەتتا قىپقىزىل داغدەك بولسىمۇ،

ئاقارتىلغان قوي يۇڭىدەك ئاپئاق بولىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 5- باب

7باشقىلارغا رەھىمدىل بولغانلار نەقەدەر بەختلىك!

چۈنكى، خۇدا ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 9- باب

13مۇقەددەس يازمىلاردا: «مەن قۇربانلىق قىلىشىڭلارنى ئەمەس، رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشىڭلارنى ئىستەيمەن» دېيىلگەن. سىلەر بېرىپ بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىڭلار. مەن ئۆزلىرىنى دۇرۇس ھېسابلايدىغانلارنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تونۇيدىغانلارنى چاقىرغىلى كەلدىم، _ دېدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 6- باب

35ياق! سىلەر دۈشمىنىڭلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. باشقىلارغا قايتۇرۇۋېلىشنى ئويلىمايلا پۇل قەرز بېرىڭلار. شۇ چاغدا، ئەرشتە مول ئىنئامغا ئېرىشىسىلەر ۋە ئۇلۇغ خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغانلىقىڭلارغا گۇۋاھلىق بەرگەن بولىسىلەر. چۈنكى، خۇدا ياخشىلىقنى بىلمەيدىغانلارغا ۋە يامانلارغىمۇ شەپقەت قىلىدۇ. 36ئەرشتىكى ئاتاڭلار مېھرىبان بولغىنىدەك، سىلەرمۇ مېھرىبان بولۇڭلار.

37_ باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. سىلەرمۇ خۇدانىڭ ھۆكۈمىگە ئۇچرىمايسىلەر. باشقىلارنى ئەيىبلىمەڭلار، خۇدامۇ سىلەرنى ئەيىبلىمەيدۇ. باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار، خۇدامۇ سىلەرنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 2- باب

4لېكىن، ئىنتايىن رەھىم-شەپقەتلىك بولغان خۇدا بىزنى شۇ قەدەر سۆيگەچكە، 5گەرچە بىز گۇناھلىرىمىز تۈپەيلىدىن روھىي جەھەتتە ئۆلگەن بولساقمۇ، خۇدا بىزنى ئەيسا مەسىھكە باغلىغان ھالدا يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر پەقەت ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

12خۇدا سىلەرنى سۆيۈپ، «ئۆزۈمگە ئاتىغان خەلقىم» دەپ تاللىغانىكەن، رەھىمدىل، مېھرىبان، كەمتەر، مۇلايىم ۋە سەۋرچان بولۇڭلار. 13بىر-بىرىڭلارغا كەڭ قورساق بولۇڭلار. ئەگەر ئاراڭلاردا بىركىم سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنى ئاغرىتقان بولسا، ئۇنى كەچۈرۈڭلار. رەببىمىز سىلەرنى كەچۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 4- باب

16شۇڭا، يۈرىكىمىز توق ھالدا مېھىر-شەپقەتلىك خۇدانىڭ تەختىگە يېقىنلىشايلى. بۇنىڭ بىلەن، خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشىپ، ئېھتىياجلىق ۋاقتىمىزدا ياردەمگە ئىگە بولالايمىز. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت » 3- باب

9رەببىمىز ھەرگىزمۇ بەزىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۆزىنىڭ قايتا كېلىشى توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى ئورۇنداشنى كېچىكتۈرگىنى يوق. بەلكى، ئۇ سىلەرگە كەڭچىلىك قىلىش سەۋەبىدىن تېخى قايتا كەلمىدى. خۇدا ھېچكىمنىڭ مەڭگۈ ھالاك بولۇشىنى خالىمايدۇ، بەلكى ئۇ بارلىق ئىنسانلارنىڭ توۋا قىلىشىنى خالايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت » 1- باب

8گۇناھىمىز يوق دېسەك، ئۆز-ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ۋە ھەقىقەت قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالمىغان بولىدۇ. 9گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلساق، ئىشەنچلىك ۋە ئادىل خۇدا گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىزنى بارلىق گۇناھلىرىمىزدىن پاك قىلىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى