خۇدا سۆزلىگۈچىدۇر

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 2- باب

1شۇڭا، ھەقىقەتتىن يىراقلىشىپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن، ئاڭلىغان ھەقىقەتتە تېخىمۇ چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. 2پەرىشتىلەر ئارقىلىق مۇسا پەيغەمبەرگە يەتكۈزۈلگەن تەۋرات قانۇنىنىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ھەم شۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلار ياكى ئىتائەت قىلىشقا سەل قارىغانلارنىڭ ھەممىسى تېگىشلىك جازاسىنى تارتقان. 3شۇنداق ئىكەن، شۇنچە ئۇلۇغ قۇتقۇزۇلۇشقا كۆز يۇمساق، قانداقمۇ شۇ جازادىن قېچىپ قۇتۇلالايمىز؟! قۇتقۇزۇلۇش خەۋىرىنى دەسلەپتە رەببىمىز ئۇقتۇرغان، ئۇنى بىۋاسىتە ئاڭلىغانلار بۇ قۇتقۇزۇلۇشنىڭ ھەقلىقى توغرىسىدا بىزگە گۇۋاھلىق بەرگەن. 4خۇدا كۆرسەتكەن ھەر خىل مۆجىزە، كارامەت ۋە قۇدرەتلىك ئىشلار، شۇنداقلا ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئېتىقادچىلارغا مۇقەددەس روھنىڭ ھەدىيىلىرىنى ئاتا قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەردى.

5مەن دەۋاتقان كەلگۈسى دۇنيانى خۇدا پەرىشتىلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىنى يوق. 6بۇ ھەقتە مۇقەددەس يازمىلارنىڭ بىر يېرىدە مۇنداق گۇۋاھلىق بېرىلگەن:

«ئى خۇدا، ئادەم نېمىتى، سەن ئۇنىڭغا شۇنچە غەمخورلۇق قىلغۇدەك؟

ئادەم بالىسى نېمىتى، سەن ئۇنىڭغا شۇنچە كۆڭۈل بۆلگۈدەك؟

7گەرچە ئۇنى پەرىشتىلەردىن بىرئاز تۆۋەن قىلغان بولساڭمۇ،

شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت تاجىنى ئۇنىڭغا كىيدۈرۈپ،

8بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭغا تىز پۈكتۈردۈڭ.»

«بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭغا تىز پۈكتۈردۈڭ» دېگىنى، ھېچقانداق نەرسە ئۇنىڭ باشقۇرۇشىنىڭ سىرتىدا ئەمەس دېگەنلىكتۇر. بىراق، بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئۇنىڭغا تىز پۈكتۈرۈلگىنىنى تېخى كۆرمىدۇق. 9لېكىن، ھازىر بىز ئۆزىنى قۇربان قىلىش سەۋەبىدىن شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت تاجى كىيدۈرۈلگەن ئەيسا مەسىھنى كۆردۇق. ئۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن پۈتكۈل ئىنسانلارنى دەپ، بىر مەزگىل پەرىشتىلەردىن تۆۋەن قىلىنىپ، ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىدى.

10پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۆزى ئۈچۈن ۋە ئۆزى ئارقىلىق ياراتقان خۇدا نۇرغۇن پەرزەنتلەرنى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارغۇچى ئەيسا مەسىھنى ئازاب-ئوقۇبەت ئارقىلىق كامالەتكە يەتكۈزۈشنى مۇۋاپىق كۆردى. 11ئىنسانلارنى پاك قىلغۇچى ئەيسا مەسىھ بىلەن پاك قىلىنغان ئىنسانلار ھەممىسى بىر ئاتىدىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھ ئۇلارنى «قېرىنداش» دېيىشتىن نومۇس قىلماي، 12خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغاندەك، خۇداغا:

«نامىڭنى قېرىنداشلىرىمغا جاكارلايمەن،

جامائەتچىلىك ئىچىدە سېنى قوشاققا قېتىپ مەدھىيىلەيمەن» دېگەن.

13ئۇ يەنە: «مەن ساڭا ئىشىنىمەن» ۋە «قاراڭلار، مانا مەن بۇ يەردە خۇدا ماڭا ئاتا قىلغان پەرزەنتلەر بىلەن بىللە» دېگەن.

14پەرزەنتلەرنىڭ تېنى گۆش بىلەن قاننىڭ گەۋدىسى بولغاچقا، ئەيسا مەسىھمۇ شۇ پەرزەنتلەرنىڭكىگە ئوخشاش گەۋدىدە بولدى. بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت، ئۇ ئۆز ئۆلۈمى ئارقىلىق ئۆلۈم ھوقۇقىنى تۇتقان شەيتاننىڭ كۈچىنى بىكار قىلىپ، [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 4- باب

12خۇدانىڭ سۆزى ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغان ئۈنۈملۈك سۆزدۇر. ئۇ ھەرقانداق قوش بىسلىق قىلىچتىنمۇ ئىتتىك بولۇپ، جان بىلەن روھنى، يىلىك بىلەن بوغۇملارنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتەلىگۈدەك ئۆتكۈرلۈك بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئارزۇ-ھەۋەس ۋە ئوي-پىكىرلىرىنى پاش قىلىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 12- باب

25سىلەرگە بۇلارنى ئېيتقان خۇدادىن يۈز ئۆرۈمەسلىككە دىققەت قىلىڭلار. چۈنكى، بۇ ئالەمدە ئۆزلىرىنى ئاگاھلاندۇرغۇچى مۇسا پەيغەمبەرنى رەت قىلغان ئىسرائىللار بۇنداق قىلىشنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالمىغان يەردە، ئەرشتىكى بىزنى ئاگاھلاندۇرغۇچىنى رەت قىلساق، ئۇ جازادىن بىز قانداقمۇ قۇتۇلالايمىز!؟ 26خۇدا سىناي تېغىدىن سۆزلىگەندە، ئۇنىڭ ئاۋازى زېمىننى زىلزىلىگە كەلتۈرگەنىدى. لېكىن، ئەمدى ئۇ: «يەنە بىر قېتىم زېمىننىلا ئەمەس، ئاسماننىمۇ زىلزىلىگە كەلتۈرىمەن» دەپ ۋەدە قىلدى. 27«يەنە بىر قېتىم» دېگەن بۇ سۆز زىلزىلىگە كەلتۈرۈلىدىغانلارنىڭ، يەنى يارىتىلغان نەرسىلەرنىڭ زىلزىلە بىلەن يوقىتىلىپ، زىلزىلىگە كەلتۈرۈلمەيدىغانلارنىڭ مەڭگۈ ساقلىنىشىدىن ئىبارەت مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

28شۇنىڭ ئۈچۈن، زىلزىلىگە كەلتۈرۈلمەيدىغان بىر پادىشاھلىققا مۇيەسسەر بولغىنىمىزدىن مىننەتدار بولۇپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ھۆرمەت ۋە ئەيمىنىش بىلەن خۇداغا ئىبادەت قىلايلى. 29چۈنكى، خۇدايىمىز ھەممىنى ھالاك قىلالايدىغان ئوتقا ئوخشايدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى