« مىسىردىن چىقىش »

6

1پەرۋەردىگار مۇساغا:

_ ئەمدى سەن مېنىڭ پادىشاھقا قىلىدىغانلىرىمنى كۆرىسەن. ئۇ مېنىڭ زور قۇدرىتىمنىڭ تەسىرى بىلەن ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىدۇ، ھەتتا ئۇلارنى زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىدۇ، _ دېدى.

2خۇدا مۇساغا مۇنداق دېدى:

_ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 3مەن بۇرۇن ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا ھەممىگە قادىر خۇدا بولۇپ كۆرۈندۈم. لېكىن، مەن ئۆزۈمنى ئۇلارغا «مەڭگۈ بار بولغۇچى» دېگەن نامىم ئارقىلىق ئاشكارىلىمىدىم. 4مەن ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان كەنئان زېمىنىنى ئۇلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغانىدىم. 5ھازىر مەن ئىسرائىللارنىڭ مىسىرلىقلارنىڭ زۇلمىدىن قىلغان داد-پەريادلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆز ئەھدەمنى ئېسىمگە ئالدىم. 6شۇڭا، سەن بېرىپ، ئىسرائىللارغا مۇنۇ سۆزلىرىمنى يەتكۈز: «مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. مەن سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ ئېغىر ئەمگەكلىرىدىن ئازاد قىلىمەن، سىلەرنى قۇللۇقتىن ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرىمەن. مەن زور قۇدرىتىمنى كۆرسىتىپ سىلەرنى قۇتقۇزىمەن، مىسىرلىقلارنى قاتتىق جازالايمەن. 7سىلەرنى ئۆز خەلقىم قىلىمەن. مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن. مىسىرلىقلارنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلغان ۋاقتىڭلاردا، بۇ ئىشنى مېنىڭ _ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇدانىڭ قىلغانلىقىنى بىلىسىلەر. 8مەن سىلەرنى، ئەجدادلىرىڭلاردىن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا بېرىشكە قەسەم قىلغان زېمىنغا ئېلىپ بارىمەن. ئۇ يەرنى سىلەرگە زېمىنلىققا بېرىمەن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.»

9مۇسا بۇ سۆزلەرنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزدى، لېكىن ئېغىر قۇللۇق ئازابىدىن روھسىزلانغان ئىسرائىللار ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى.

10پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە:

11_ سەن پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ئىسرائىللارنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىشىگە يول قويۇشنى ئېيتقىن، _ دېدى.

12مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا:

_ سۆزۈمگە ئىسرائىللار قۇلاق سالمىغان يەردە، مىسىر پادىشاھى قانداقمۇ قۇلاق سالسۇن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن بىر تىلى ئېغىر ئادەم تۇرسام! _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.

13بىراق، پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا:

_ سىلەر بېرىپ، ئىسرائىللار بىلەن مىسىر پادىشاھىغا: «خۇدا بىزگە: ‹ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىڭلار› دەپ ئەمر قىلدى» دەڭلار، _ دەپ بۇيرۇدى.

مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ ئەجدادلىرى

14تۆۋەندىكىلەر بىر قىسىم ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى.

ياقۇپنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېننىڭ ئوغۇللىرى:

ھانۇخ، پاللۇ، خەزرون ۋە كارمى.

ئۇلاردىن رۇبېن قەبىلىسىنىڭ تارماق جەمەتلىرى مەيدانغا كەلدى.

15شىموننىڭ ئوغۇللىرى:

يېمۇئىل، يامىن، ئوھاد، ياكىن، سوخار ۋە كەنئانلىق ئايالىدىن بولغان شائۇل.

ئۇلاردىن شىمون قەبىلىسىنىڭ تارماق جەمەتلىرى مەيدانغا كەلدى.

16لاۋىينىڭ گېرشون، قوھات ۋە مىرارى ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بولۇپ، ئۇلار لاۋىي قەبىلىسىدىكى تارماق جەمەتلەرنىڭ ئاتىلىرى ئىدى. لاۋىي بىر يۈز ئوتتۇز يەتتە يىل ئۆمۈر كۆردى. 17گېرشوننىڭ لىبنى ۋە شىمئى ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بولۇپ، ئۇلاردىن لاۋىي قەبىلىسىنىڭ تارماق جەمەتلىرى بارلىققا كەلدى. 18قوھاتنىڭ ئامرام، يىسخار، ھىبرون ۋە ئۆززىل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، قوھات بىر يۈز ئوتتۇز ئۈچ يىل ئۆمۈر كۆردى. 19مىرارىنىڭ مەھلى ۋە مۇشى ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بار ئىدى.

يۇقىرىقىلار لاۋىي قەبىلىسىنىڭ تارماق جەمەتلىرىدۇر.

20ئامرام ئۆز ھاممىسى يوكەبەدنى ئەمرىگە ئالغانىدى. ئۇ ھارۇن بىلەن مۇسانى تۇغدى. ئامرام بىر يۈز ئوتتۇز يەتتە يىل ئۆمۈر كۆردى. 21يىسخارنىڭ كوراھ، نەفەگ ۋە زىيكرى ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. 22ئۆززىلنىڭ مىشائىل، ئەلسافان ۋە سىترى ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى.

23ھارۇن ناخشوننىڭ سىڭلىسى، ئاممىنادابنىڭ قىزى ئەلىشەبانى ئەمرىگە ئالدى. ئەلىشەبا ھارۇنغا ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار ئىسىملىك تۆت ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. 24كوراھتىن ئاسسىر، ئەلقانا، ئابىئاساف ئىسىملىك ئۈچ ئوغۇل تۆرەلدى. ئۇلار كوراھ قەبىلىسىدىكى تارماق جەمەتلەرنىڭ ئاتىلىرى بولدى. 25ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازار پۇتەلنىڭ قىزلىرىدىن بىرنى ئەمرىگە ئالدى. ئۇ پىنىخاسنى تۇغدى.

مانا بۇلار لاۋىي قەبىلىسىنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى.

26پەرۋەردىگار تەرىپىدىن «ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى توپ-توپى بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقىڭلار» دەپ ئەمر قىلىنغانلار دەل مۇشۇ ھارۇن بىلەن مۇسا ئىدى. 27مىسىر پادىشاھىدىن ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلارمۇ مانا مۇشۇ مۇسا بىلەن ھارۇندۇر.

ھارۇننىڭ مۇساغا ۋاكالىتەن سۆزلىشى

28پەرۋەردىگار مىسىردا مۇساغا سۆزلىگەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا:

29_ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ساڭا قىلغان سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى مىسىر پادىشاھىغا يەتكۈزگىن، _ دېگەنىدى.

30لېكىن، مۇسا:

_ مەن يا سۆزمەن بولمىسام، پادىشاھ مېنىڭ سۆزۈمگە قانداقمۇ قۇلاق سالسۇن؟ _ دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى