« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »

50

ياقۇپنىڭ دەپنە قىلىنىشى

1يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ جەسىتىگە ئۆزىنى تاشلاپ، ھەسرەت بىلەن يىغلاپ، ئۇنىڭ يۈزىنى سۆيدى. 2كېيىن، يۈسۈپ قول ئاستىدىكى تېۋىپلىرىغا ئاتىسىنىڭ جەسىتىنى موملاشنى بۇيرۇدى. 3ئۇلار ئادەتلىرى بويىچە قىرىق كۈن ئىچىدە جەسەتنى چىرىشتىن ساقلاش خىزمىتىنى تاماملىدى. مىسىرلىقلار ئۇنىڭغا يەتمىش كۈن ماتەم تۇتتى.

4قارىلىق تۇتۇش مەزگىلى ئۆتكەندىن كېيىن، يۈسۈپ پادىشاھنىڭ ئەمەلدارلىرىغا:

_ ئېغىر كۆرمىسەڭلار، پادىشاھقا مۇنداق دەڭلار: 5«ئاتام جان ئۈزۈش ئالدىدا مېنى ئۆزىنى كەنئاندا تەييارلاپ قويغان يەرلىككە قويۇشۇمغا قەسەم قىلدۇرغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ماڭا ئىجازەت بەرسە، ئۇ يەرگە بېرىپ ئاتامنى دەپنە قىلىپ كەلسەم»، _ دېدى.

6پادىشاھ ئۇنىڭغا:

_ بارسۇن، ئاتىسىغا بەرگەن قەسىمى بويىچە دەپنە قىلسۇن، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.

7بۇنىڭ بىلەن، يۈسۈپ ئاتىسىنى دەپنە قىلغىلى كەتتى. پادىشاھنىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرى، ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە مىسىردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەربابلار يۈسۈپ بىلەن بىللە بېرىشتى. 8يۈسۈپنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى، قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ جەمەتلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە باردى. پەقەت يۈسۈپنىڭ كىچىك بالىلىرى ۋە قوي-كالىلىرىلا گوشەندە قالغانىدى. 9ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارغانلارنىڭ ئىچىدە يەنە جەڭ ھارۋىلىرىغا ئولتۇرغانلار ۋە ئاتلىقلارمۇ بار ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار گويا چوڭ بىر قوشۇندەك بولدى.

10ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ نېرىسىدىكى ئاتاد دېگەن يەردىكى خامانغا كەلگەندە، قاتتىق يىغا-زار قىلىشتى. يۈسۈپلەر ئۇ يەردە يەتتە كۈن ھازا تۇتتى. 11بۇنى كۆرگەن كەنئانلىقلار: «مىسىرلىقلارنىڭ دەپنە مۇراسىمى نېمىدېگەن داغدۇغىلىق» دېيىشكەنىدى. شۇڭا، بۇ يەرگە ئابېل-مىزرائىم [مەنىسى «مىسىرلىقلارنىڭ ھازا تۇتۇشى»] دەپ نام قويۇلدى.

12شۇنداق قىلىپ، ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى ئاتىسىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە 13ئۇنىڭ جەسىتىنى كەنئانغا ئاپىرىپ، مامرەنىڭ شەرقىدىكى ماكپېلاھتىكى ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلدى. بۇ ئۆڭكۈر ئىبراھىم خىت قەبىلىسىدىن بولغان ئەفروندىن قەبرىستانلىق ئۈچۈن سېتىۋالغان ئېتىزلىقتا ئىدى. 14يۈسۈپ ئاتىسىنى دەپنە قىلىپ بولۇپ، ئۆز قېرىنداشلىرى ۋە دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقان بارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە مىسىرغا قايتىپ كەلدى.

يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىنى خاتىرجەم قىلىشى

15يۈسۈپنىڭ ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى: «ئەگەر يۈسۈپ كۆڭلىدە بۇرۇن ئۇنىڭغا يامانلىق قىلغىنىمىز ئۈچۈن ئاداۋەت ساقلاپ، بىزدىن ئىنتىقام ئالىمەن دېسە، قانداق قىلىمىز؟» دەپ ئويلاشقانىدى. 16شۇڭا، ئۇلار بىر كىشى ئارقىلىق يۈسۈپكە:

_ ئاتىمىز جان ئۈزۈش ئالدىدا، 17بىزگە ساڭا بۇنى ئېيتىپ قويۇشىمىزنى تاپىلىغان: «ئاكىلىرىڭ ساڭا يامانلىق قىلىپ قويدى. ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىۋەت». شۇنىڭ ئۈچۈن، سەندىن بىزنىڭ خاتالىقىمىزنى كەچۈرۈم قىلىشىڭنى سورايمىز. بىز بولساق ئاتاڭ ئىبادەت قىلغان خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى، _ دەپ سۆز يەتكۈزدى.

يۈسۈپ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ يىغلىۋەتتى.

18ئاندىن، يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، بېشى يەرگە تەگكۈچە تەزىم قىلىپ، مۇنداق دېدى:

_ بىز سېنىڭ قۇلۇڭ بولايلى!

19يۈسۈپ ئۇلارغا:

_ قورقماڭلار! مەن ھۆكۈم قىلىپ جازالايدىغان خۇدا ئەمەسمەن! 20سىلەر ئەسلىدە ماڭا زىيانكەشلىك قىلماقچىدىڭلار، لېكىن خۇدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، يامان ئىشىڭلارنى ياخشى ئىشقا ئايلاندۇردى. بۈگۈن مانا شۇنچە نۇرغۇن كىشىلەر ھايات قالدى. 21سىلەر قورقماڭلار. مەن چوقۇم سىلەرگىمۇ پەرزەنتلىرىڭلارغىمۇ غەمخورلۇق قىلىمەن، _ دېدى.

يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا مېھرىبانلىق بىلەن تەسەللى بېرىپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلدى.

يۈسۈپنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى

22يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئۇرۇق-جەمەتى مىسىردا ئولتۇراقلىشىپ قالغانىدى. يۈسۈپ بىر يۈز ئون يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. 23ئۇنىڭ ئۆمرى شۇنچىلىك ئۇزۇن بولدىكى، ئۇ ھەتتا ئوغلى ئەفرايىمنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغان. يۈسۈپ ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئوغۇللىرىنىمۇ ئۆز قوينىغا ئالغان. 24ئۇ قېرىنداشلىرىغا:

_ مەن ئالەمدىن ئۆتۈشكە ئاز قالدىم. خۇدا چوقۇم سىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، سىلەرنى بۇ يەردىن ئېلىپ، ئىبراھىمغا، ئىسھاققا ۋە ياقۇپقا ۋەدە قىلىپ بەرمەكچى بولغان زېمىنغا باشلاپ بارىدۇ، _ دېدى.

25يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا يەنە:

_ خۇدا سىلەرگە غەمخورلۇق قىلىپ، سىلەرنى ئۇ يەرگە ئېلىپ كەتكەن ۋاقىتتا، مېنىڭ جەسىتىمنى بىللە ئېلىپ كېتىشكە مېنىڭ ئالدىمدا قەسەم قىلىڭلار! _ دېدى.

26يۈسۈپ بىر يۈز ئون يېشىدا مىسىردا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇلار ئۇنىڭ جەسىتىنى چىرىشتىن ساقلاش ئۈچۈن موملاپ، ساندۇققا سېلىپ قويدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى