« زەبۇر »

106

1ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا،

شۈكۈرلەر ئېيتىڭلار ئۇنىڭغا.

چۈنكى پەرۋەردىگار شاپا‏ئەتلىكتۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر.

2قۇدرىتىنى خۇدانىڭ كىممۇ تولۇق تەرىپلىيەلەر؟

كىم ئۇنىڭغا ئېيتالار مۇكەممەل مەدھىيەلەر؟

3نەقەدەر بەختلىك-ھە، ئادالەتلىك ئىش قىلغانلار،

ھەر دائىم ھەققانىيەت يولىنى تۇتقانلار.

4ئى پەرۋەردىگار، ئالغايسەن مېنى ئېسىڭگە،

ھىممىتىڭنى كۆرسەتكىنىڭدە ئۆز خەلقىڭگە.

خەۋەر ئالغىن ھالىمدىن نىجاتلىقىڭ كەلگەندە.

5ئۆزۈڭ تاللىغان خەلقىڭنىڭ ئىقبالىنى كۆرەي،

ئۇلارنىڭ كۈلكىسىگە جور بولۇپ كۈلەي،

ساڭا مەنسۇپ خەلقىڭ بىلەن ماختىنىپ يۈرەي.

6خۇددى ئەجدادلىرىمىزدەك بىزمۇ گۇناھ ئۆتكۈزدۇق،

رەزىل، ئىپلاس ھەم يامان ئىشلارنى ھەممىمىز قىلدۇق.

7ئەجدادلىرىمىز مىسىردىكى چېغىدا،

مەنسىتمىگەنىدى خۇدانىڭ مۆجىزىلىرىنى.

ئىسيان كۆتەرگەنىدى ئۇلار قىزىل دېڭىز بويىدا،

ئېسىدىمۇ تۇتماستىن خۇدانىڭ مۇھەببىتىنى.

8ئەمما پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ شەرىپى ئۈچۈن،

ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قۇدرىتىنى نامايان قىلغانىدى.

9ئۇنىڭ ئەمرى بىلەن سۈيى قۇرۇپ قىزىل دېڭىزنىڭ،

ئۇلارنى خۇددى چۆللۈكتە ئېلىپ ماڭغاندەك

دېڭىز ئاستىدىن يېتەكلەپ ماڭغانىدى.

10پەرۋەردىگار ئۇلارنى

دۈشمەنلىرىنىڭ قوللىرىدىن ئازاد قىلدى،

رەقىبلىرىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزدى.

11دۈشمەنلىرى سۇ ئاستىدا غەرق بولدى،

ئۇلاردىن بىرەرسىمۇ ھايات قالمىدى.

12شۇندىلا خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئىشەندى ئۇلار،

پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەپ ئوقۇدى كۈي-ناخشىلار.

13لېكىن ئۇلار ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنتۇدى پەرۋەردىگارنى،

راۋا كۆرمىدى ئۆزلىرىگە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى.

14ئۇلار چۆلدە نەپسىگە تەسلىم بولدى،

ھەم پەرۋەردىگارنى سىناپ كۆردى.

15تەلەپ قىلغان نەرسىسىنى پەرۋەردىگار بەردى ئۇلارغا،

بىراق بىر كېسەلنى كۈشەندە قىلىپ ئەۋەتتى ئۇلارغا.

16چېدىرلىرىدا ئۇلار ھەسەت قىلدى ھەزرىتى مۇساغا،

ۋە خۇدا تاللىغان مۇقەددەس روھانىي ھارۇنغا.

17شۇنىڭ بىلەن يەر يېرىلىپ داتاننى يۇتۇۋالدى،

ئابىرامنى ھەمراھلىرى بىلەن قاپسىۋالدى.

18ھەمراھلىرى ئارىسىغا ئوت چۈشۈرۈلگەنىدى،

ئوت يالقۇنى رەزىللەرنى كۆيدۈرۈۋەتتى.

19موزاي بۇتنى ياساپ ئۇلار سىناي* تېغىدا،

سەجدە قىلىپ چوقۇندى شۇ ئالتۇن بۇتقا.

20چۆپ يەيدىغان بىر كالىنىڭ بۇتىنى ئۇلار،

قويدى شان-شەرەپلىك پەرۋەردىگارنىڭ ئورنىغا.

21ئۇنتۇدى ئۇلار قۇتقۇزغۇچىسى خۇدانى،

مىسىردا ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغۇچىنى.

22كارامىتىنى كۆرسىتىپ قىزىل دېڭىزدا،

ھام دىيارىدا مۆجىزىلەر ياراتقۇچىنى.

23شۇڭا خۇدا ئۇلارنى ھالاك قىلماق بولغانىدى،

لېكىن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان مۇسا چىقىپ

رەھىم تىلەپ خۇدانىڭ غەزىپىنى باسقانىدى.

24ئۇلار بۇ گۈزەل زېمىنغا كىرىشنى رەت قىلدى،

پەرۋەردىگارنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمىدى.

25قاقشاپ تۇرۇپ ئۇلار ئۆز چېدىرلىرىدا،

قۇلاق سالمىدى پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىغا.

26شۇڭا خۇدا قولىنى كۆتۈرۈپ قەسەم قىلىپ،

دېدىكى: «ئۇلارنى چۆللەردە يوقىتىمەن.

27ئەۋلادلىرىنى يات ئەللەردە ۋەيران قىلىپ،

ياقا يۇرت، يىراقلارغا تارقىتىمەن.»

28پېئور تېغىدا ئۇلار بائال ئىلاھىغا چوقۇنۇپ،

ئۆلۈكلەرگە ئاتالغان قۇربانلىقلارنى يېيىشتى.

29قىلمىشلىرى ئۇلارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى خۇدانىڭ،

شۇ ۋەجىدىن ۋابا كېسەل تارقالدى ئارىسىغا ئۇلارنىڭ.

30شۇڭا پىنىخاس چىقىپ ئوتتۇرىغا،

توختاتتى ئۇ ۋابانى دادىللىقىدا.

31بۇنىڭ بىلەن پىنىخاس ھەققانىي دەپ ھېسابلاندى،

ئۇنىڭ تۆھپىسى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە تارقالدى.

32خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغىدى ئۇلار يەنە

مىرىبادا پەيدا بولغان سۇنىڭ بويىدا.*

بۇ سەۋەبلىك ئازار يەتتى مۇساغا.

33چۈنكى ئۇلار مۇسانىڭ جېنىغا تەگكەچ،

بىخەستەلىك قىلىپ مۇسا سۆزلەپ سالدى ئۇلارغا.

34پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ

ھالاك قىلماي ھەممە يات ئەللەرنى،

35ئەكسىچە ئارىلىشىپ ئۇلار بىلەن

ئۆگەندى ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىنى.

36چوقۇندى ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا،

ھالاكەت ئېلىپ كەلدى بۇت ئۇلارغا.

37قىز-ئوغۇللىرىنى ئاتىدى قۇربانلىققا،

بېغىشلاپ ئۇلارنى جىن-شەيتانغا.

38ئاتاپ كەنئاندىكى بۇتلارغا،

ئۇلار تۆكتى قىز-ئوغۇللىرىنىڭ

بىگۇناھ قانلىرىنى،

قانلار بۇلغىدى زېمىننى.

39پاھىشە ئايالدەك بولدى ئۇلارنىڭ ئىشلىرى،

بۇلغىدى ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى.

40پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان خەلقىگە غەزەپلەندى،

پەقەت ئۆزىگىلا تەۋە بولغان قوۋمىدىن نەپرەتلەندى.

41شۇڭا ئۇلارنى تاشلاپ بەردى يات ئەللەرنىڭ قولىغا،

ئۆچمەن بولۇپ كەلگەنلەر ھۆكۈمرانلىق قىلدى ئۇلارغا.

42رەقىبلىرى قولىدا ئېزىلدى ئۇلار،

قەددىنى پۈكۈپ، بېشىنى ئەگدى ياۋلار.

43تالاي قېتىم قۇتقۇزسىمۇ ئۇلارنى پەرۋەردىگار،

ئەمما قەستەن بويسۇنۇشنى رەت قىلىپ كەلگەچ،

بولدى گۇمران ئاخىردا گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئۇلار.

44شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ پەريادىنى ئاڭلىغاندا،

رەھىمدىللىك بىلەن نەزەر سالدى خۇدا جاپالىرىغا.

45ئۇلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئەھدىسىنى ئېسىگە ئېلىپ،

مېھىر-مۇھەببىتى بىرلە بۇرۇنقى نىيىتىدىن يېنىپ،

46ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت قىلدۇردى،

ئۇلارنى ئەسىر ئالغۇچىلارنىڭ دىلىغا سېلىپ.

47ئى خۇدايىمىز پەرۋەردىگار، قۇتقۇزغىن بىزنى،

قايتا يىغىپ ئەكەلگىن يۇرتىمىزغا بىزلەرنى.

شۇندا سېنى مەدھىيەلەيلى، كۈيلەيلى،

شۇ مۇقەددەس نامىڭغا شۈكۈر-رەھمەت ئېيتايلى.

48مەدھىيەلەنگەي مەڭگۈدىن-مەڭگۈگە،

ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار!

خالايىقلار «ئامىن» دېسۇن بىرلىكتە!

پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار!



*19سىناي _ خورېب دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

*32مىرىبادا پەيدا بولغان سۇ _ «تەۋرات. مىسىردىن چىقىش» 17-بابقا قارالسۇن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى