« زەبۇر »

148

1پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار!

مەدھىيەلەڭلار ئەرشتىكىلەر خۇدانى،

مەدھىيەلەڭلار ئاسمان-پەلەكتە ئۇنى.

2مەدھىيەلەڭلار پەرىشتىلەر خۇدانى،

ئەي ساماۋى قوشۇنلار، مەدھىيەلەڭلار ئۇنى.

3-4ئاي ۋە قۇياش، جىمى پارلاق يۇلتۇزلار،

ئەرشئەلا ۋە كۆكتىكى ئەي سۇلار،

مەدھىيەلەڭلار پەرۋەردىگارنى ھەممىڭلار.

5مەدھىيەلىسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى،

چۈنكى ئۇ ئەمرى بىلەن ياراتقان ئۇلارنى.

6پەرۋەردىگار ئورناتتى ئۆز جايلىرىغا ئۇلارنى،

بۇزماس خۇدا تائەبەد ئۆزى قىلغان ئەمرىنى.

7مەدھىيەلەڭلار پەرۋەردىگارنى يەر يۈزىدىكى جانلىقلار،

ئەي چوڭقۇر دېڭىز ۋە ئۇنىڭدىكى مەخلۇقلار.

8مەدھىيەلەڭلار خۇدانى قار ۋە مۆلدۈر، چاقماق بىلەن تۇمانلار،

ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنغان ئەي كۈچلۈك بورانلار.

9مەدھىيەلەڭلار ئۇنى ئەي تاغ ۋە تۆپىلىكلەر،

كېدىر دەرەخلىرى يەنە مېۋىلىك دەرەخلەر.

10مەدھىيەلەڭلار خۇدانى ئەي ياۋايى ھايۋانلار ۋە بارلىق چارۋىلار،

ئەي ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار ۋە ھەممە ئۇچار قاناتلار.

11مەدھىيەلەڭلار ئۇنى ئەي جاھان شاھلىرى ۋە بارچە خەلقلەر،

مەدھىيەلەڭلار ئۇنى ئەي بارچە ھۆكۈمرانلار ۋە شاھزادىلەر.

12مەدھىيەلەڭلار ئۇنى يىگىتلەر شۇنداقلا قىزلار،

مەدھىيەلەڭلار ئۇنى ئەي ياشانغانلار ھەم ياشلار.

13مەدھىيەلىسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى،

چۈنكى بۈيۈكتۇر ھەممىدىن ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى،

ئاسمان-زېمىندىن يۈكسەكتۇر ھەم شان-شەرىپى.

14ئۆز خەلقىنى كۈچلۈك قىلدى پەرۋەردىگار،*

مەدھىيەلەر ئوقار ئۇنىڭغا بارلىق تەقۋادارلار _

خۇدا سۆيگەن ئىسرائىللار.

پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار!



*14ئۆز خەلقىنى كۈچلۈك قىلدى پەرۋەردىگار _ بەزى تەرجىمىلەردە «كۈچلۈك پادىشاھ تىكلىدى ئۆز خەلقى ئۈچۈن پەرۋەردىگار» دەپ ئېلىنغان.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى