« زەبۇر »

81

بۇ ئاساف يازغان مۇناجات بولۇپ، نەغمىچىلەر بېشىغا «گىتتىف»تا* چېلىنسۇن دەپ تاپشۇرۇلغان.

1كۈچ-قۇۋۋىتىمىز بولغان خۇداغا،

شادلىقتا مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار.

ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى

خۇش بولۇپ كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار.

2چىلتار، داپ، مۇڭلۇق لىرانى ئېلىپ قولۇڭلارغا،

مەدھىيە ناخشاڭلارنى تەڭكەش قىلىپ ئېيتىڭلار.

3يېڭى ئاي تۇغقاندا ۋە ئاي تولغاندا،

بايرام قىلىپ بۇرغىلارنى چېلىڭلار.

4بۇ ئىسرائىللارغا چۈشكەن بىر پەرماندۇر،

ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ ھۆكۈمىدۇر.

5-6يۈسۈپ نەسلىنى مىسىردىن چىققان ۋاقتىدا،

بۇنى ئىسرائىللارغا قانۇن قىلىپ بېكىتكەندۇر.

مەن ناتونۇش بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم:

«ئۇنىڭ مۈرىسىنى يۈكتىن بىكار قىلدىم،

قوللىرىنى سېۋەتتىن ئازاد قىلدىم.

7قىستاڭچىلىقتا نىدا قىلساڭ،

مەن سېنى قۇتۇلدۇردۇم.

قارا بۇلۇتلار ئارىسىدىن ساڭا جاۋاب بەردىم،

مىرىبادا* ئاققان سۇ بويىدا سېنى سىنىدىم. سېلاھ

8تىڭشا خەلقىم، قۇلاق سال ئەي ئىسرائىللار!

مەن سىلەرنى ئاگاھلاندۇراي:

9زېمىنىڭلاردا يات ئىلاھلارغا ئورۇن بەرمەڭلار،

ھەم ئۇلارغا باش قويۇپ، سەجدە قىلماڭلار.

10سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان

پەرۋەردىگارىڭلار مەندۇرمەن.

ئېغىزىڭلارنى ئاچساڭلار،

بەرىكەتكە تولدۇرىمەن.

11بىراق خەلقىم سۆزۈمنى ئاڭلىمىدى،

ئىسرائىل خەلقى ماڭا بويسۇنمىدى.

12شۇڭا مەن قويۇۋەتتىم ئۇلارنى ئۆز تەرسالىقىغا،

مېڭىۋەردى دەسسەپ ئۇلار ئۆزى خالىغان يوللارغا.

13خەلقىم سۆزۈمگە قۇلاق سالسا ئىدى،

ئىسرائىللار مەن باشلىغان يولدا ماڭسا ئىدى.

14دۈشمەنلىرىنى ئۇلارنىڭ تېزلا باش ئەگدۈرەر ئىدىم،

رەقىبلىرىگە قۇدرىتىمنى بىلدۈرۈپ قۇيار ئىدىم.

15شۇندا، ماڭا ئۆچمەنلەر قورقۇپ بويسۇنار ئىدى،

ئۇلار ھەمىشە شەرمەندىلىكتە قالار ئىدى.

16سىلەرنى بۇغداينىڭ ئەڭ ئېسىلىدا باقار ئىدىم،

تاشتىن ھەسەل چىقىرىپ تەشنالىقىڭلارنى قاندۇرار ئىدىم.»



*گىتتىف _ گات شەھىرىدە ئىجاد قىلىنغان بىر خىل ساز ياكى ئاھاڭنىڭ نامى. يەنە بىر چۈشەندۈرۈلۈشتە، بىرەر بايرام ياكى مۇراسىمدا ئېيتىلغان ناخشىدۇر.

*7مىرىبا _ جاينىڭ ئىسمى بولۇپ، ئېلىشىش، جېدەل دېگەن مەنىدە. ئىسرائىللار بۇ يەرلەردە مۇسا پەيغەمبەردىن رەنجىگەنىدى ۋە پەرۋەردىگارنى سىنىماقچى بولغانىدى. «تەۋرات. مىسىردىن چىقىش» 17-بابقا قارالسۇن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى