يانفون - Android

«ھايات نۇرى» Android يانفون ئەپ دېتالىنى ئورنىتىش ۋە سەپلەش

ئەپ دېتالى ئۆزلۈكىدىن چۈشۈرۈلگەن بولسا، 4- نۇقتىدىن باشلاڭ.

ئۆزلۈكىدىن چۈشۈرۈلمىگەن بولسا، ئىككى خانىلىق كود سىكاننېرلاش ئارقىلىق ئەپ دېتالىنى بىۋاستە چۈشۈرۈپ، 4- نۇقتىدىن باشلاڭ.

1. يانفوندىكى تور كۆرگۈچىگە www.hayatnuri.org ئادرېسىنى كىرگۈزۈپ تور بېكىتىمىزگە كىرىڭ.

2. ئېچىلغان كۆزنەكتىن «چۈشۈرۈش» كۇنۇپكىسىنى چېكىڭ.

3. جەزملەش «确定» كۇنۇپكىسىنى چېكىپ ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈڭ.

4. چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، «安装» كۇنۇپكىسىنى چېكىپ ئەپ دېتالىنى يانفونىڭىزغا قاچىلاڭ.

5. ئەپ دېتالى ئۆزلۈكىدىن ئېچىلمىسا، يانفون تەڭشەكلىرىنى ئېچىپ، چۈشۈرۈلگەن HayatnuriAndroid.apk نى چېكىڭ.

«ھايات نۇرى»

ئۇقۇشلۇق ئەپ دېتالى:

بۇ ئەپ دېتالى ئارقىلىق «تەۋرات»، «زەبۇر» ۋە «ئىنجىل» قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان «مۇقەددەس كىتاب» يانفۇن نۇسخسى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە سۇنۇلدى. خۇدا «مۇقەددەس كىتاب» ئارقىلىق ئۆزىنى ئىنسانلارغا نامايان قىلىپ، ئۇلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ۋە قۇتقۇزۇش پىلانىنى كۆرسەتتى. «مۇقەددەس كىتاب» دۇنيادا ئەڭ كۆپ سېتىلغان كىتاب بۇلۇپ، تۆت يۈزدىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. «ئىنجىل» نىڭ ئۆزىلا مىڭدىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. «مۇقەددەس كىتاب»نىڭ يانفۇن نۇسخىسى يەنى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى»نى «ئۇيغۇرچە مۇقەددەس كىتاب جەمئىيىتى» تەييارلىدى.

«مۇقەددەس كىتاب»نىڭ بۇ يانفۇن نۇسخىسى «زەبۇر» ۋە «ئىنجىل»نىڭ پۈتۈن قىسمى ۋە «تەۋراتتىكى قىسمەن تاللانمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىرگۈزلگەن مەزمۇنلار 2005-يىلى تۈركىيەدە بىرىنچى قېتىم نەشرگە تەييارلانغان ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا تەرجىمە قىلىنغان مەزمۇنلار قۇشۇلغان بۇلۇپ نەشر قىلىشقا ۋە تارقىتىشقا رۇخسەت ئېلىنغان.

بۇ يانفۇن نۇسخىسى كۈندىلىك ئايەتلەرنى ئۇقۇش، توردا ئالاقىلىشىش مۇلازىمەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇقۇشلۇق مەزمۇنلارنى توردىن چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن تور سېگىنالى بولمىسىمۇ ئۇقىغىلى بولىدۇ، ئېقىم مىقدارى ھىساپلانمايدۇ. ئۇقۇش جەريانىدا ھېچقانداق ئېلانلار ۋە تەشۋىقاتلار قىستۇرۇلمىغان. خۇدانىڭ سۆزىدىن خاتىرجەم ، بىمالال بەھرىمان بولالايسىز.

* سىز «ھايات نۇرى» ئۇقۇشلۇق يۇمشاق دېتال ئىچىدە قوللاش مۇلازىمتىدىن مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ.

* ئالاقىلىشىش ئۇچۇرىڭىز تولدۇرۇلغاندىن كېيىن مەخپىي تۇتىلىدۇ.

* بىزنىڭ تور ئادرېسىمىز: Hayatnuri

* ئالاقىلىشىش ئېلخەت ئادرېسى: بۇ ئېلخەت ئادرېسى ئەخلەت يوللانمىدىن ساقلىنىش پىروگراممىسى تەرىپىدىن قوغدالغان بولۇپ، سىز JavaScript نى قوزغاتسىڭىز ئاندىن كۆرەلەيسىز.

* ئۈندىدار سالونىمىز: hayatnuri_tor


ئۇيغۇرچە «مۇقەددەس كىتاب»نىڭ يانفۇن نۇسخىسىنى چۈشۈرۋېلىڭ!

بۇ ساماۋى كىتابنى ئۇقۇشۇڭلارنى قارشى ئالىمىز!

ئۈندىدار سالونىمىز

ئۇندىدار

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

yengi mezmun

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر