26كېيىن تۇغۇلغىنىنىڭ قولى ئەساۋنىڭ تاپىنىنى چىڭ تۇتۇۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئىسمىنى ياقۇپ [مەنىسى «تاپىنىغا ئېسىلىۋالغۇچى»] دەپ قويدى. ئۇلار تۇغۇلغاندا، ئىسھاق ئاتمىش ياشقا كىرگەنىدى.
27ئىككى بالا چوڭ بولدى. ئەساۋ ئۇستا ئوۋچى بولۇپ، دالادا يۈرۈشنى ياخشى كۆرەتتى. لېكىن، ئىنىسى ياقۇپ جىمجىت يۈرىدىغان ئادەم بولۇپ، ھەمىشە ئۆيدە تۇراتتى.
[داۋامى]
34ئاندىن، ياقۇپ ئۇنىڭغا نان بىلەن پۇرچاق شورپىسىنى بەردى. ئەساۋ غىزالانغاندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىغا ئېتىبارسىز قارىغانلىقىدىندۇر.
[داۋامى]
28ھېلىقى كىشى يەنە:
_ بۇنىڭدىن كېيىن ئىسمىڭ ياقۇپ ئەمەس، ئىسرائىل [مەنىسى «خۇدا بىلەن چېلىشتى»] بولسۇن. چۈنكى، سەن خۇدا ۋە ئىنسان بىلەن چېلىشىپ شۆھرەت قازاندىڭ، _ دېدى.
[داۋامى]
22ئىسرائىل ئۇ يەردە تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېن ئاتىسىنىڭ كىچىك خوتۇنى بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا يېتىپ، زىنا قىلدى. ئىسرائىل بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى.
ياقۇپنىڭ ئون ئىككى ئوغلى بولۇپ،23لېياھتىن تۇغۇلغانلىرى: تۇنجى ئوغلى رۇبېن، ئاندىن شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار ۋە زەبۇلۇنلاردۇر.24راھىلەدىن تۇغۇلغانلىرى: يۈسۈپ ۋە بىنيامىندۇر.25راھىلەنىڭ دېدىكى بىلھاھتىن تۇغۇلغانلىرى: دان ۋە نافتالىدۇر.26لېياھنىڭ دېدىكى زىلپادىن تۇغۇلغانلىرى بولسا: گاد ۋە ئاشېردۇر. بۇ ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى پاددان-ئاررامدا تۇغۇلغانىدى.
27ياقۇپ ئاتىسى ئىسھاقنىڭ يېنىغا، يەنى مامرە دېگەن يەرگە كەلدى. مامرە بولسا قىريات-ئاربا، يەنى ھىبروننىڭ يېنىدا بولۇپ، بۇ دەل ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق تۇرغان جاي ئىدى.28ئىسھاق يۈز سەكسەن ياش ئۆمۈر كۆردى.29ئۇ ئۇزۇن ياشاپ، ئەجدادلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. ئۇنى ئوغۇللىرى ئەساۋ بىلەن ياقۇپ دەپنە قىلدى.
[داۋامى]
27ئىسرائىللار مىسىرنىڭ گوشەن ۋىلايىتىدە ئولتۇراقلاشتى. ئۇلار روناق تېپىپ، ئاھالىلىرى ھەسسىلەپ كۆپەيدى.28ياقۇپ مىسىردا ئون يەتتە يىل ياشاپ، بىر يۈز قىرىق يەتتە يىل ئۆمۈر كۆردى.
[داۋامى]