سوئال

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 3- باب

1يىلان پەرۋەردىگار خۇدا ياراتقان ھايۋانلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ھىيلىگىرى ئىدى. ئۇ ئايالدىن:

_ خۇدا باغدىكى ھەرقانداق دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشىڭلارنى راستتىنلا مەنئى قىلدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

2ئايال:

_ باغدىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىلىرىنى يېسەك بولىدۇ. 3پەقەت باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېسەك بولمايدۇ. خۇدا بىزنىڭ بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشىمىزنى، ھەتتا ئۇنىڭغا قول تەگكۈزۈشىمىزنىمۇ مەنئى قىلدى. ئەگەر بۇ ئىشنى قىلساق، ئۆلىمىز، _ دەپ جاۋاب بەردى.

4يىلان ئايالغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

_ يالغان! ھەرگىز ئۆلمەيسىلەر! 5خۇدا سىلەرنىڭ ئۇنى يېسەڭلار، كۆزۈڭلارنىڭ ئېچىلىپ، ئۆزىگە ئوخشاش ياخشى بىلەن ياماننى بىلىدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ.

6ئايال بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنىڭ چىرايلىق ۋە شېرىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى يېسە قانچىلىك ئەقىللىق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، مېۋىدىن ئۈزۈپ يېدى ۋە ئۇنى يېنىدا تۇرغان ئېرىگىمۇ بەردى. ئۇمۇ يېدى. 7ئۇلار مېۋىنى يېيىشى بىلەنلا كۆزلىرى ئېچىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يالىڭاچلىقىنى بىلىپ نومۇس قىلىشتى. شۇڭا، ئۇلار ئەنجۈر يوپۇرماقلىرىنى بىر-بىرىگە چېتىپ، بەدەنلىرىنى يېپىۋېلىشتى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 3- باب

17پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتىغا:

_ ئايالىڭنىڭ سۆزىگە كىرىپ، مەن يېيىشنى مەنئى قىلغان مېۋىنى يېگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، يەرمۇ لەنىتىمگە ئۇچرىدى. سەن ئەمدى ئۆمۈرۋايەت جاپالىق ئىشلەش بىلەنلا ئوزۇقلىنىسەن. 18يەردىن تىكەن ۋە قامغاق ئۈنىدۇ، سەن بولساڭ يەردىكى زىرائەتلەرنى يەيسەن. 19باش-كۆزۈڭ تەرگە چۆمگەندىلا تويغۇدەك بىرنەرسە يېيەلەيسەن، تاكى ئۆلۈپ توپىغا ئايلىنىپ كەتكۈچە ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەيسەن. توپىدىن يارىتىلدىڭ، شۇڭا يەنە توپىغا قايتىسەن! _ دېدى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 4- باب

1ئادەمئاتا ئايالى ھاۋائانا بىلەن بىللە بولدى. ھاۋائانا ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمى بىلەن بىر ئوغۇلغا ئىگە بولدۇم» دېدى ۋە ئىسمىنى قابىل [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئىگە بولدۇم» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] قويدى. 2كېيىن، ئۇ يەنە بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئىسمىنى ھابىل قويدى. ئىككىيلەن چوڭ بولغاندىن كېيىن، ھابىل پادىچى بولدى، قابىل بولسا دېھقان بولدى.

3ھوسۇل مەزگىلى كەلگەندە، قابىل يەرنىڭ مەھسۇلاتىدىن ئېلىپ پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلدى. 4ھابىلمۇ قوي پادىسى ئىچىدىن تۇنجى تۇغۇلغان قوزىلاردىن سويۇپ، تازا سېمىز يېرىدىن پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلدى. پەرۋەردىگار ھابىلنى ۋە ئۇنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلدى. 5بىراق، قابىلنى ۋە ئۇنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلمىدى. بۇنىڭدىن ئىنتايىن خاپا بولغان قابىلنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ كەتتى.

6شۇ چاغدا، پەرۋەردىگار قابىلغا:

_ نېمىشقا خاپا بولىسەن؟ چىرايىڭ نېمىشقا تۇتۇلۇپ كەتتى؟ 7ئەگەر دۇرۇس ئىش قىلغان بولساڭ، سېنىمۇ قوبۇل قىلغان بولاتتىم! بىراق، يامانلىق قىلساڭ، گۇناھ خۇددى ئىشىك ئالدىدا ئېتىلماقچى بولۇپ تۇرغان ياۋا ئىتقا ئوخشاش، سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭنى چىرمىۋالىدۇ. ئۇ سېنى ئۆز ئىلكىگە ئالماقچى بولسىمۇ، لېكىن سەن ئۇنى يېڭىشىڭ لازىم! _ دېدى.

8كېيىن، قابىل ئىنىسى ھابىلغا:

_ يۈر، دالادا سەيلە قىلىپ كېلەيلى! _ دېدى. ئۇلار دالادىكى ۋاقتىدا، قابىل ئىنىسىغا قول سېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.

9پەرۋەردىگار قابىلدىن:

_ ئىنىڭ ھابىل قېنى؟ _ دەپ سورىدى.

_ بىلمەيمەن، مەن ئىنىمنىڭ باققۇچىسىمىدىم؟ _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

10پەرۋەردىگار كەينىدىنلا ئۇنى:

_ بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ ئىنىڭنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن داد-پەرياد قىلىۋاتقان قېنى ماڭا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. 11سەن ئەمدى لەنەتكە ئۇچرايسەن. بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ يەردە تۇرالمايسەن! چۈنكى، سەن ئىنىڭنى ئۆلتۈردۈڭ، يەرگە قان تۆكتۈڭ. 12سەن يەرگە ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ، يەر ساڭا ھوسۇل بەرمەيدۇ. سەن ئەمدى سەرسان بولۇپ، يەر يۈزىدە سەرگەردانلىقتا يۈرىسەن، _ دەپ ئەيىبلىدى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر