يوكەبەد

مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى

تەۋرات، «مىسىردىن چىقىش» 2-باب

1ئىسرائىللارنىڭ لاۋىي قەبىلىسىدىكى بىر كىشى ئۆز قەبىلىسىدىن بولغان بىرسىگە نىكاھلاندى.2ئايالى ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئانا بوۋاقنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇرۇن ساقلىدى.3ئۇ بالىنى زادى يوشۇرالمايدىغان يەرگە كەلگەندە، قومۇشتىن بىر سېۋەت توقۇپ، ئۇنى موم ۋە لاي بىلەن سۇۋاپ، سۇ ئۆتمەس قىلدى ۋە بالىنى سېۋەتكە سېلىپ، ئاندىن سېۋەتنى نىل دەرياسى بويىدىكى قومۇشلۇققا ئاپىرىپ، يوشۇرۇنچە سۇغا قويۇۋەتتى.4بالىنىڭ ھەدىسى قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدىكىن دەپ، يىراقتىن سېۋەتنى كۆزىتىپ تۇردى.

5پادىشاھنىڭ قىزى دەريا بويىغا سۇغا چۆمۈلگىلى كەلدى. ئۇنىڭ كېنىزەكلىرى دەريا بويىدا سەيلە قىلىشقا باشلىدى. تۇيۇقسىز، مەلىكە قومۇشلۇقتا بىر سېۋەتنىڭ تۇرغىنىنى كۆرۈپ قالدى-دە، ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن خاس كېنىزىكىنى ئەۋەتتى.6مەلىكە سېۋەتنى ئېچىپ، بىر ئوغۇل بوۋاقنىڭ يىغلاپ ياتقىنىنى كۆردى. مەلىكە ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ:

_ بۇ چوقۇم بىر ئىبرانىينىڭ بوۋىقى، _ دېدى.

7بۇ چاغدا، بوۋاقنىڭ ھەدىسى كېلىپ، مەلىكىگە:

_ مەن بېرىپ، ئىبرانىيلار ئارىسىدىن سىز ئۈچۈن بوۋاقنى ئېمىتىدىغان بىر ئىنىكئانا تېپىپ كېلەيمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

8مەلىكە:

_ ماقۇل، بارغىن، _ دېدى. ئۇ بېرىپ، بوۋاقنىڭ ئۆز ئانىسىنى چاقىرىپ كەلدى.9مەلىكە بۇ ئايالغا:

_ بوۋاقنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ كېتىپ، مەن ئۈچۈن ئېمىت. ئىش ھەققىڭنى بېرىمەن، _ دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ئايال بوۋاقنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ ئېمىتتى.10بالا خېلى چوڭ بولغاندا، ئانىسى ئۇنى مەلىكىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. مەلىكە ئۇنى ئۆز ئوغلى قىلىپ بېقىۋالدى ۋە «مەن ئۇنى سۇدىن تارتىپ چىقىرىۋالغان» دەپ، ئۇنىڭغا مۇسا [ئىبرانىي تىلىدىكى «تارتىپ چىقىرىش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دېگەن ئىسىمنى قويدى.

[داۋامى]

تەۋرات، «مىسىردىن چىقىش» 6-باب

20ئامرام ئۆز ھاممىسى يوكەبەدنى ئەمرىگە ئالغانىدى. ئۇ ھارۇن بىلەن مۇسانى تۇغدى. ئامرام بىر يۈز ئوتتۇز يەتتە يىل ئۆمۈر كۆردى.

[داۋامى]

ئىنجىل، «ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت» 11-باب

23ئېتىقادى ۋەجىدىن، مۇسا پەيغەمبەر تۇغۇلغاندا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇردى. چۈنكى، ئۇلار مۇسانىڭ ئادەتتىكى بالا ئەمەس ئىكەنلىكىنى كۆردى، پادىشاھنىڭ پەرمانىدىنمۇ قورقمىدى.

[داۋامى]

ئۈندىدار سالونىمىز

ئۇندىدار

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

yengi mezmun

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر