كېسەلنىڭ ساقايتىلىشى

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 8- باب

5ھەزرىتى ئەيسا كەپەرناھۇم شەھىرىگە بارغاندا، رىملىق بىر يۈزبېشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، شاپائەت تىلەپ:

6_ تەقسىر، چاكىرىم پالەچ بولۇپ قالدى، ناھايىتى ئازاب ئىچىدە ئۆيدە ياتىدۇ، _ دېدى.

7_ مەن بېرىپ ئۇنى ساقايتىپ بېرەي، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

8يۈزبېشى:

_ تەقسىر، ئۆيۈمگە كېلىشىڭىزگە ئەرزىمەيمەن. پەقەت بىر ئېغىزلا سۆز قىلىپ قويسىڭىز، چاكىرىم ساقىيىپ كېتىدۇ. 9مېنىڭمۇ ئۈستۈمدە باشلىقىم، قول ئاستىمدا لەشكەرلىرىم بار. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، بىرىگە كەل دېسەم، كېلىدۇ. چاكىرىمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ شۇ ئىشنى قىلىدۇ، _ دېدى.

10بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ھەيران بولغان ھەزرىتى ئەيسا بىللە كەلگەنلەرگە:

_ بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇنداق ئىشەنچنى ئىسرائىللار ئىچىدە ئۇچراتمىغانىدىم. 11سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، مەشرىق ۋە مەغرىبتىن نۇرغۇن يەھۇدىي ئەمەسلەر كېلىپ، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىدا ئەجدادلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرىدۇ. 12لېكىن، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ مىراسخورلىرى بولغان نۇرغۇن يەھۇدىيلار تاشقىرىغا، قاراڭغۇلۇققا ھەيدىلىپ، ئۇ يەردە ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ، _ دېدى. 13ئاندىن، يۈزبېشىغا:

_ ئۆيۈڭگە قايت، ئىشەنگىنىڭدەك بولىدۇ، _ دېدى. ھېلىقى چاكارنىڭ كېسىلى شۇئان سەللىمازا ساقىيىپ كەتتى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 1- باب

40ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر كىشى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ:

_ تەقسىر، ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن ساقايتىپ پاك قىلغايسىز! _ دەپ يالۋۇردى.

41ئىچى ئاغرىغان ھەزرىتى ئەيسا قولىنى ئۇنىڭغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ:

_ خالايمەن، پاك بولغىن! _ دېۋىدى، 42ئۇ ئادەم شۇئان ماخاۋ كېسىلىدىن ساقىيىپ، پاكپاكىز بولدى. 43-44ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنما، لېكىن ئۇدۇل مەركىزىي ئىبادەتخانىغا بېرىپ، روھانىيغا ئۆزۈڭنىڭ ساقايغانلىقىڭنى كۆرسەت. ئاندىن، بۇنى باشقىلارغا ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى بويىچە ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايغانلار قىلىشقا تېگىشلىك قۇربانلىقنى قىل، _ دەپ، ئۇنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ يولغا سالدى.

45بىراق، ئۇ ئادەم چىقىپ، بۇ ئىشنى ھەممە يەرگە يېيىۋەتتى. نەتىجىدە، خالايىقنىڭ ئۆزىنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسا ھېچقانداق شەھەرگە ئاشكارا بارالماي، شەھەر سىرتىدىكى خىلۋەت جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. شۇنداقتىمۇ، ھەر يەردىن كەلگەن خەلق ئۇنى يەنىلا ئىزدەپ تۇردى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 5- باب

25توپنىڭ ئىچىدە خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال بار ئىدى. 26ئۇ نۇرغۇن تېۋىپلارنىڭ قولىدا كۆپ ئازاب چېكىپ، بار-يوقىنى سەرپ قىلغان بولسىمۇ، كېسىلى ياخشىلانماق تۈگۈل، تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى. 27بۇ ئايالمۇ ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلىغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، خالايىقنىڭ ئارىسىدىن قىستىلىپ كېلىپ، ئارقا تەرەپتىن ئۇنىڭ چاپىنىنى سىلاپ قويدى. 28چۈنكى، ئۇ ئىچىدە «ھەزرىتى ئەيسانىڭ چاپىنىنى تۇتساملا، چوقۇم ساقىيىپ كېتىمەن» دەپ ئويلىغانىدى. 29خۇن شۇئان توختاپ، ئايال ئۆزىنىڭ كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلغانلىقىنى ھېس قىلدى. 30دەل شۇ ۋاقىتتا، ھەزرىتى ئەيسا ۋۇجۇدىدىن قۇدرىتىنىڭ چىققانلىقىنى سەزدى. ئۇ خالايىقنىڭ ئىچىدە كەينىگە بۇرۇلۇپ:

_ كىيىمىمنى تۇتقان كىم؟ _ دەپ سورىدى.

31شاگىرتلىرى ئۇنىڭغا:

_ ئۆپچۆرىڭىزدىكى خالايىقنىڭ قىستاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇقلۇق، يەنە: «مېنى تۇتقان كىم؟» دەپ سورايسىزغۇ؟ _ دېيىشتى.

32بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى تۇتقان كىشىنى تېپىش ئۈچۈن داۋاملىق ئەتراپىغا قارىدى. 33ئۆزىدە نېمە ئەھۋالنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى سەزگەن ئايالمۇ قورققىنىدىن تىترىگەن ھالدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئايىغىغا يىقىلدى ۋە ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتتى. 34ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ قىزىم، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! تىنچ-ئامان قايت. داۋاملىق سالامەت بول، _ دېدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 14- باب

1بىر دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا مۇھىم بىر پەرىسىي ئاقساقىلىنىڭ ئۆيىگە تاماققا باردى. بەزىلەر ئۇنى تۇتۇش كويىدا ئۇنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىۋاتاتتى. 2ئۇ يەردە سۇلۇق ئىششىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر ئادەم بار ئىدى. 3ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىكى تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەردىن:

_ تەۋراتتا دەم ئېلىش كۈنى كېسەل ساقايتىشقا رۇخسەت قىلىنغانمۇ-يوق؟ _ دەپ سورىدى.

4بىراق، ئۇلار گەپ قىلمىدى. ھەزرىتى ئەيسا بولسا ھېلىقى كېسەلگە قولىنى تەگكۈزۈپ، ساقايتىپ يولغا سالدى. 5ئاندىن، كۆپچىلىككە:

_ بالاڭلار ياكى كالاڭلار قۇدۇققا چۈشۈپ كەتسە، دەم ئېلىش كۈنى دېمەي، ئۇنى دەرھال تارتىپ چىقىرىۋالمامسىلەر؟! _ دېدى.

6بىراق، ھېچكىم ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ سوئالىغا جاۋاب بېرەلمىدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 17- باب

11ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا بېرىش سەپىرىدە سامارىيە بىلەن جەلىلىيە ئۆلكىلىرى چېگرىلىنىدىغان رايونلاردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، 12بىر يېزىغا كىرگىنىدە، ئۇنىڭ ئالدىغا ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئون ئادەم كەلدى. ئۇلار ناپاك بولغاچقا، يېقىن كەلمەي يىراقتا توختاپ:

13_ ئى ئۇستازىمىز ئەيسا، بىزگە رەھىم قىلغايسىز! _ دەپ ۋارقىرىدى. 14ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى كۆرۈپ:

_ روھانىيلارغا بېرىپ كۆرۈنۈڭلار. سىلەرنىڭ ئەمدى پاكلانغانلىقىڭلارنى تەكشۈرسۇن، _ دېدى.

ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا ماخاۋدىن ساقايدى. 15ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەيلەن ئۆزىنىڭ ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، دەرھال يۇقىرى ئاۋاز بىلەن خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ، كەينىگە قايتتى 16ۋە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ تەشەككۈر ئېيتتى. بۇ ئادەم يەھۇدىيلار يامان كۆرىدىغان سامارىيىلىكلەردىن ئىدى.

17ھەزرىتى ئەيسا بۇنى كۆرۈپ تۇرغانلارغا:

_ ساقايغانلار ئون ئادەم ئەمەسمىدى؟ قالغان توققۇزەيلەن قېنى؟ 18يەھۇدىي بولمىغان بۇ سامارىيىلىكتىن باشقا، خۇداغا شۈكۈر ئېيتىدىغان كىشى يوقمۇ؟! _ دېدى.

19ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئادەمگە:

_ ئورنۇڭدىن تۇر، كەتكىن. ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭ ئۈچۈن خۇدا سېنى ساقايتتى، _ دېدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 4- باب

46ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىدە تۇرغان ۋاقتىدا، كانا يېزىسىغا يەنە باردى. (ئۇ دەل شۇ يېزىدىكى بىر تويدا سۇنى شارابقا ئايلاندۇرغانىدى.) شۇ كۈنلەردە، كەپەرناھۇم شەھىرىدە ئوغلى كېسەل بولۇپ ياتقان بىر ئوردا ئەمەلدارى بار ئىدى. 47ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۇدىيىدىن جەلىلىيىگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باردى ۋە:

_ ئۆيۈمگە بېرىپ، سەكراتتا ياتقان ئوغلۇمنى ساقايتىپ بەرسىڭىز! _ دەپ ئۆتۈندى.

48شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ سىلەر جەلىلىيىلىكلەر مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرمىگۈچە، ماڭا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئوخشايسىلەر! _ دېدى.

49ئوردا ئەمەلدارى ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ھەزرەتلىرى، بالام ئۆلمەستە بارغايسىز! _ دېدى.

50_ ئۆيىڭىزگە قايتىڭ، ئوغلىڭىز ھايات قالىدۇ! _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

ھېلىقى ئادەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئېيتقان سۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. 51يولدا چاكارلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئوغلىنىڭ ھايات ھەم سالامەت ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

52ئەمەلدار ئۇلاردىن ئوغلىنىڭ قاچاندىن باشلاپ ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى سورىغىنىدا، ئۇلار:

_ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە قىزىتمىسى ياندى، _ دېيىشتى.

53بالىنىڭ ئاتىسى بۇنىڭ دەل ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە: «ئوغلىڭىز ھايات قالىدۇ!» دېگەن ۋاقىت ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ۋە پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشتى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى