تۇغماسنىڭ ساقايتىلىشى

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 15- باب

1بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئىبرامغا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا:

_ ئىبرام، قورقما! مەن ساڭا قالقان بولۇپ، ناھايىتى زور ئىنئام بېرىمەن، _ دېدى.

2لېكىن، ئىبرام:

_ ئى ئىگەم خۇدا، مېنىڭ پەرزەنتىم بولمىسا، سېنىڭ بەرمەكچى بولغان ئىنئامىڭنىڭ پايدىسى نېمە؟ مېنىڭ بىردىنبىر مىراسخورۇم _ دەمەشقتىن كەلگەن چاكىرىم ئەلىئەزەر بولىدۇ. 3سەن ماڭا پەرزەنت بەرمىدىڭ، شۇڭا مېنىڭ تەئەللۇقاتىمغا چاكىرىم مىراسخور بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

4ئارقىدىنلا، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە يەنە: «چاكىرىڭ ئېلىيەزەر سېنىڭ مىراسخورۇڭ بولمايدۇ، پەقەت ئۆزۈڭدىن بولغان ئوغۇللا مىراسخورۇڭ بولىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى.

5شۇندىن كېيىن، خۇدا ئۇنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا:

_ ئاسمانغا قاراپ، يۇلتۇزلارنى سانىيالايدىغان بولساڭ ساناپ باق، سېنىڭ ئەۋلادىڭ ئەنە شۇ يۇلتۇزلاردەك سان-ساناقسىز بولىدۇ! _ دېدى.

6ئىبرام پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئېتىقادىنى كۆرۈپ، ئۇنى ھەققانىي ئادەم، دەپ ھېسابلىدى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 21- باب

1پەرۋەردىگار ئۆزى ۋەدە قىلغاندەك، سارەگە بەخت ئاتا قىلدى. 2سارە ھامىلىدار بولۇپ، ئىبراھىمنىڭ ياشىنىپ قالغان ۋاقتىدا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. بالا دەرۋەقە خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا تۇغۇلدى. 3ئىبراھىم ئۇنىڭغا ئىسھاق [مەنىسى «كۈلكە»] دەپ ئات قويدى. 4خۇدا بۇيرۇغاندەك، ئىسھاق تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى ئىبراھىم ئۇنىڭ خەتنىسىنى قىلدى.

5ئىسھاق تۇغۇلغان چاغدا، ئىبراھىم يۈز ياشتا ئىدى.

6سارە ئۆزىگە: «خۇدا مېنى خۇرسەن قىلدى. بۇ ئىشنى ئاڭلىغانلارمۇ مەن بىلەن بىللە خۇش كۈلىدۇ! 7كىم سارەنى ئۆز بالىسىنى ئېمىتىشكە مۇيەسسەر بولىدۇ، دەپ ئويلىغان؟ شۇنداق بولسىمۇ، ئىبراھىمنىڭ قېرىغان ۋاقتىدا، مەن ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم!» دېدى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 25- باب

19ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسھاقنىڭ ئىش-ئىزلىرى تۆۋەندىكىچە:

20ئىسھاق قىرىق يېشىدا رىبەقاغا ئۆيلەندى. رىبەقا بولسا پاددان-ئاررامنىڭ ئارران دېگەن يېرىدىن بولغان بېتۇئېلنىڭ قىزى ۋە لاباننىڭ سىڭلىسى ئىدى. 21رىبەقا پەرزەنت كۆرمىگەنلىكى سەۋەبىدىن، ئىسھاق ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلىپ، رىبەقا ھامىلىدار بولدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 1- باب

5ھىرود پادىشاھ يەھۇدىيلار رايونلىرىدا ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈۋاتقان چاغلاردا، زىكىرىيا ئىسىملىك بىر روھانىي ئۆتكەنىدى. ئۇ ئىلگىرىكى روھانىي ئابىيا توپىغا تەۋە بولۇپ، ئۆز نۆۋىتى كەلگەندە يېرۇسالېمدىكى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا ئىشلەيتتى. ئۇنىڭ ئايالى ئېلىزابېتمۇ تۇنجى باش روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى. 6ئۇلار ئىككىلىسى خۇدانىڭ نەزىرىدە دۇرۇس كىشىلەردىن بولۇپ، خۇدانىڭ پۈتۈن ئەمر-پەرمانلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلاتتى. 7ئەمما، ئۇلار پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. چۈنكى، ئېلىزابېت تۇغماس ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىلىسى ياشىنىپ قالغانىدى.

8بىر كۈنى، زىكىرىيا ۋە ئۇنىڭ قىسمىدىكى روھانىيلار مەركىزىي ئىبادەتخانىدا نۆۋىتى بويىچە روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتاتتى. 9ئۇلار ھەر كۈنى ئادىتى بويىچە ئىبادەتخانىنىڭ مۇقەددەس جايىغا كىرىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا ئىسرىق سېلىشقا بىر روھانىي تاللاش ئۈچۈن چەك تاشلايتتى. ئۇ كۈنى، چەك زىكىرىياغا چىقتى. 10ئۇ مۇقەددەس جايغا كىرىپ ئىسرىق سېلىۋاتقاندا، ئىبادەتكە كەلگەن جامائەت تاشقىرىدا دۇئا قىلىشىۋاتاتتى. 11تۇيۇقسىز ئىسرىقداننىڭ ئوڭ تەرىپىدە زىكىرىياغا خۇدا ئەۋەتكەن بىر پەرىشتە كۆرۈندى. 12زىكىرىيا قورققىنىدىن ھودۇقۇپ كەتتى، 13بىراق پەرىشتە ئۇنىڭغا:

_ ئەي زىكىرىيا، قورقمىغىن! خۇدا دۇئايىڭنى قوبۇل قىلدى. ئايالىڭ ئېلىزابېت ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھيا قويغىن. 14ئۇ ساڭا خۇشال-خۇراملىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر خۇرسەن بولۇشىدۇ. 15ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ بولىدۇ، ھاراق-شاراب ئىچمەيدۇ. ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپلا خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمگەن بولىدۇ. 16ئۇ نۇرغۇن ئىسرائىللارنى رەببىمىز خۇدانىڭ يولىغا قايتۇرىدۇ. 17ئۇ خۇدا تەرىپىدىن خۇددى ئىلياس پەيغەمبەرگە ئاتا قىلىنغاندەك روھ ۋە كۈچ-قۇدرەتكە تولغان ھالدا، ئۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان قۇتقۇزغۇچىدىن ئاۋۋال ئەۋەتىلىپ، ئاتا بىلەن بالىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېڭىۋاشتىن ئىناقلاشتۇرۇپ، خۇداغا بويسۇنمايدىغانلارنى ئادىللارنىڭ ئاقىلانە يوللىرىغا قايتۇرۇپ، خەلقنى رەببىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تەييار قىلىدۇ، _ دېدى.

18_ مەن قېرىپ قالدىم، ئايالىمنىڭ يېشىمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغان تۇرسا، بۇنداق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ مەن ئۇنى نېمىدىن بىلەلەيمەن؟ _ دەپ سورىدى زىكىرىيا پەرىشتىدىن.

19پەرىشتە:

_ مەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىكى جەبرائىل بولىمەن. مېنى خۇدا ساڭا بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. 20ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، سۆزلىرىم چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. بىراق، بۇنىڭغا ئىشەنمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن تىلىڭ تۇتۇلىدۇ. بالا تۇغۇلمىغۇچە، زۇۋانغا كەلمەيسەن، _ دەپلا كۆزدىن غايىب بولدى.

21بۇ چاغدا، زىكىرىيانى كۈتۈپ تۇرغانلار ئۇنىڭ مۇقەددەس جايدا نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا كېچىككەنلىكىنى چۈشەنمەي ھەيران بولۇشتى. 22كۆپچىلىك ئۇنىڭ مۇقەددەس جايدىن چىقىپ، گەپ قىلالماي، قوللىرى ئارقىلىق ئىشارەت قىلىپ مەقسىتىنى بىلدۈرگەنلىكىدىن، ئۇنىڭ مۇقەددەس جايدا بىرەر غايىبانە ئالامەتنى كۆرگەنلىكىنى چۈشەندى.

23زىكىرىيا ئىبادەتخانىدىكى نۆۋەتچىلىك مۇددىتى توشۇشى بىلەنلا ئۆيىگە قايتتى. 24دەرۋەقە، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئايالى ئېلىزابېت ھامىلىدار بولۇپ، بەش ئايغىچە تالا-تۈزگە چىقمىدى. 25ئۇ: «ئەمدى رەببىم ماڭا ياخشىلىق قىلىپ، مېنى خالايىق ئالدىدا نومۇستىن قۇتقۇزدى» دېدى.

26-27ئېلىزابېت ھامىلىدار بولۇپ ئالتە ئاي بولغاندا، خۇدا پەرىشتە جەبرائىلنى جەلىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسىرە دېگەن شەھەرگە، مەريەم ئىسىملىك بىر قىزنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. مەريەم بىلەن داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان يۈسۈپنىڭ چېيى ئىچكۈزۈلگەنىدى.

28جەبرائىل مەريەمنىڭ ئالدىغا بېرىپ:

_ سالام ساڭا، ئەي خۇدانىڭ شەپقىتىگە مۇيەسسەر بولغان قىز. رەببىم ساڭا ياردۇر! _ دېدى.

29بۇنىڭدىن بەك تەمتىرەپ كەتكەن مەريەم بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى نېمىدۇ، دەپ ئويلىدى. 30جەبرائىل ئۇنىڭغا:

_ ئەي مەريەم، قورقمىغىن. سەن خۇدانىڭ شەپقىتىگە ئېرىشتىڭ. 31ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن، ئىسمىنى ئەيسا [مەنىسى «پەرۋەردىگار قۇتقۇزىدۇ»] قويغىن. 32ئۇ ئۇلۇغ بولىدۇ، ئۇلۇغ خۇدا ئۇنى ئوغلۇم، دەپ ئاتايدۇ. پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنى ئەجدادى پادىشاھ داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزىدۇ. 33ئۇ ياقۇپنىڭ جەمەتى بولغان ئىسرائىللارنىڭ مەڭگۈ پادىشاھى بولىدۇ، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى چەكسىزدۇر، _ دېدى.

34_ مەن تېخى قىز تۇرسام، بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ _ دەپ سورىدى مەريەم پەرىشتىدىن.

35_ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ. ئۇلۇغ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ساڭا سايە بولۇپ يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا، سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس پەرزەنت خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ. 36تۇغقىنىڭ ئېلىزابېتقا قارا! كىشىلەر ئۇنى تۇغماس دەيتتى. ئۇ ھازىر شۇنچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئوغۇلغا قورساق كۆتۈرگىنىگە ئالتە ئاي بولۇپ قالدى. 37چۈنكى، خۇدا قىلالمايدىغان ھېچقانداق ئىش يوق، _ دېدى جەبرائىل.

38_ مەن خۇدانىڭ خىزمىتىگە تەييارمەن، دېگىنىڭىزدەك بولسۇن، _ دېدى مەريەم. شۇنىڭ بىلەن، جەبرائىل ئۇنىڭ يېنىدىن كەتتى.

39ئۇزۇن ئۆتمەي، مەريەم ئالدىراش يولغا چىقىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى بىر شەھەرگە باردى. 40ئۇ يەردە زىكىرىيانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئېلىزابېتقا سالام بەردى. 41-42ئېلىزابېت مەريەمنىڭ سالىمىنى ئاڭلىغاندا، قورسىقىدىكى بوۋاق سەكرەپ كەتتى. ئېلىزابېت مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى:

_ ئاياللار ئىچىدە ئەڭ بەختلىك ئايالسەن، قورسىقىڭدىكى بوۋاقمۇ بەختلىكتۇر. 43رەببىمنىڭ ئانىسى بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن مېنى يوقلاپ كېلىشىڭگە مۇناسىپ ئەمەسمەن. 44سالىمىڭ قۇلىقىمغا كىرگەندە، قورسىقىمدىكى بوۋاق سۆيۈنۈپ سەكرەپ كەتتى. 45سەن، «خۇدا ماڭا بەرگەن ۋەدىسىنى جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ» دەپ ئىشەنگەچكە، نەقەدەر بەختلىكسەن!

46مەريەممۇ خۇش بولۇپ مۇنداق دېدى:

«قەلبىمدىن ئۇلۇغلايمەن رەببىمنى،

47قۇتقۇزغۇچىم خۇدا قىلدى خۇرسەن دىلىمنى،

48ياد ئەتتى ئۇ مەندەك ئەرزىمەس بىر قۇلىنى.

ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە بەختلىك، دەپ ئاتىلارمەن شۇندىن بېرى،

49چۈنكى، قادىر خۇدا مەن ئۈچۈن ياراتتى ئۇلۇغ ئىشلارنى.

مۇقەددەستۇر ئۇنىڭ نامى،

50مېھىر-شەپقەت قىلار ئۇ ئىخلاسمەنلەرگە

ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە.

51كۈچلۈك قولىنى سوزۇپ، تارمار قىلدى

ھىيلە-مىكىرلىك تەكەببۇرلارنى.

52تەختىدىن چۈشۈردى ئۇ كۈچلۈك ھۆكۈمدارلارنى،

كۆتۈردى ئەرزىمەسلەرنىڭ قەددىنى.

53سورىغانلىرىنى بەردى ئېھتىياجلىقلارغا،

قۇرۇق قول قايتۇردى خۇداغا ئېھتىياجسىز بىز، دەپ قارىغان بايلارنى.

54قىلغان ۋەدىسىنى ئېسىدە تۇتۇپ، بىز ئىسرائىللارغا رەھىم قىلدى.

55چۈنكى، ئۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىم ھەم ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا

‹ئەۋلادىڭغا مەڭگۈ مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن› دەپ ۋەدە قىلغانىدى.»

56مەريەم ئېلىزابېتنىڭ يېنىدا ئۈچ ئايدەك تۇرۇپ، ئۆز ئۆيىگە قايتتى.

57ئېلىزابېتنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. 58خۇدانىڭ ئۇنىڭغا شۇنچە كاتتا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خۇشاللىققا چۆمدى.

59بوۋاق تۇغۇلۇپ سەككىز كۈن بولغاندا، ئۇرۇق-تۇغقانلار كېلىپ، بالىنىڭ خەتنىسىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا زىكىرىيا دەپ ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى قويماقچى بولۇشتى. 60بىراق، ئانىسى:

_ ياق! ئىسمى يەھيا بولسۇن، _ دېدى.

61_ بولمايدۇ! ئۇرۇق-جەمەتىڭىز ئىچىدە بۇنداق ئىسىمدىكىلەر يوققۇ! _ دېيىشتى ئۇرۇق-تۇغقانلار قارشى تۇرۇپ.

62ئاندىن، ئۇلار بالىنىڭ ئاتىسىدىن پەرزەنتىگە نېمە ئىسىم قويۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئىشارەت بىلەن سوراشتى.

63زىكىرىيا بىر پارچە تاختاينى ئەكەلدۈرۈپ، «ئىسمى يەھيا بولسۇن» دەپ يازدى. كۆپچىلىك ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. 64دەل شۇ چاغدا، زىكىرىيا قايتا زۇۋانغا كېلىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى. 65كۆپچىلىك خۇدانىڭ بۇ مۆجىزىسىنى كۆرۈپ، ئەيمىنىپ كەتتى. بۇ خەۋەر يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ تاغلىق رايونلىرىغا تارقالدى. 66بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقۇچىلار: «بۇ بالا كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولار؟» دەپ ئويلاشتى، چۈنكى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئۇنىڭغا يار ئىدى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى