ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلۈمى

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 23- باب

26لەشكەرلەر كرېستنى كۆتۈرگەن ھەزرىتى ئەيسانى ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، يولدا يېزىدىن كېلىۋاتقان كىرىنى شەھىرىلىك سىمۇن ئىسىملىك بىر كىشىنى ئۇچراتتى. ئۇلار بۇ كىشىنى تۇتۇۋېلىپ كرېستنى ئۇنىڭغا كۆتۈرگۈزۈپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن ھەيدەپ ماڭدى. چۈنكى، ھەزرىتى ئەيسا ھالسىراپ كەتكەنىدى.

27نۇرغۇن كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەزرىتى ئەيساغا ئېچىنىپ يىغا-زار قىلىشىپ ماڭغان ئاياللارمۇ بار ئىدى. 28ھەزرىتى ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ ئەي يېرۇسالېم ئاياللىرى! مەن ئۈچۈن يىغلىماڭلار. ئۆزۈڭلار ۋە پەرزەنتلىرىڭلار ئۈچۈن يىغلاڭلار! 29چۈنكى، سىلەرگە شۇنداق ئېغىر كۈنلەر كېلىدۇكى، كىشىلەر: «پەرزەنت كۆرمىگەن، ھامىلىدار بولمىغان، بالا ئېمىتمىگەن ئاياللار نېمىدېگەن بەختلىك!» دەيدۇ. 30ئۇ چاغدا، كىشىلەر خۇدانىڭ غەزىپىدىن قېچىش ئۈچۈن تاغلارغا: «ئۈستىمىزگە ئۆرۈل!»، دۆڭلۈكلەرگىمۇ: «ئۈستىمىزنى ياپ!» دەپ يالۋۇرىدۇ. 31ياپيېشىل دەرەخ ئوتتا كۆيدۈرۈلگەن يەردە، قۇرۇپ كەتكەن دەرەخ تېخىمۇ كۆيدۈرۈلمەسمۇ؟! شۇنىڭدەك، مەن ئازاب چەككەن يەردە، سىلەر گۇناھكار يەھۇدىيلار تېخىمۇ ئازاب چەكمەمسىلەر؟!

32لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىرگە ئىككى جىنايەتچىنىمۇ ئۇلار ئۈستىدىن ئۆلۈم جازاسىنى بېجىرىشكە ئېلىپ كېلىشكەنىدى. 33ئۇلار يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى «باش سۆڭەك» دەپ ئاتالغان جايغا بېرىپ، ئۇ يەردە ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلىدى. ئىككى جىنايەتچىنىڭمۇ بىرىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئوڭ تەرىپىگە، يەنە بىرىنى سول تەرىپىگە مىخلىدى ۋە كرېستلەرنى تىكلەپ قويدى. 34ھەزرىتى ئەيسا:

_ ئى ئاتا، ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلغىن، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، _ دېدى.

لەشكەرلەر چەك تاشلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى. 35خالايىق قاراپ تۇرۇۋاتقاندا، يەھۇدىي ئاقساقاللار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ:

_ ئۇ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن! ئەگەر راستتىن خۇدا تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ بولغان بولسا، ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ باقمىسۇنمۇ! _ دېيىشتى.

36لەشكەرلەرمۇ ئۇنى مەسخىرە قىلىشىپ، ئۇنىڭغا ئەرزان ئۈزۈم شارابى تەڭلەپ:

37_ ئەگەر سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى بولساڭ، ئۆزۈڭنى قۇتقۇزۇپ باق! _ دېيىشتى.

38ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىكى تاختىغا: «بۇ كىشى يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يېزىلغانىدى. 39ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە كرېستكە مىخلانغان ئىككى جىنايەتچىنىڭ بىرى ئۇنى ھاقارەتلەپ:

_ سەن خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى ئەمەسمىدىڭ؟ ئەمدى ئۆزۈڭنىمۇ، بىزنىمۇ قۇتقۇزمامسەن؟! _ دېدى.

40يەنە بىرى بولسا ھېلىقى جىنايەتچىنى ئەيىبلەپ:

_ سەنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش جازالىنىۋاتقان تۇرۇقلۇق، خۇدادىن قورقمىدىڭمۇ؟ 41بىزنىڭ جازالىنىشىمىز ھەقلىق. بىز ئۆز قىلمىشلىرىمىزنىڭ جازاسىنى تارتتۇق، لېكىن ئۇ ھېچقانداق يامانلىق قىلمىغانغۇ! _ دېدى. 42ئاندىن، ئۇ ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ئى ئەيسا، پادىشاھلىقىڭ بىلەن كەلگىنىڭدە، مېنى ئۇنتۇمىغايسەن، _ دېدى.

43_ بىلىپ قويكى، بۈگۈن سەن مەن بىلەن بىللە جەننەتتە بولىسەن، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.

44چۈش ۋاقتىدا، قۇياش نۇرى غايىب بولۇپ، پۈتۈن زېمىننى قاراڭغۇلۇق باستى. بۇ ئەھۋال ئۈچ سائەت داۋام قىلدى. 45مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى پەردە توساتتىن ئىككى پارچە بولۇپ يىرتىلدى. 46ھەزرىتى ئەيسا قاتتىق ئاۋاز بىلەن:

_ ئى ئاتا! روھىمنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم، _ دېدى-دە، تىنىقى توختاپ، جان ئۈزدى.

47ئۇ يەردە بۇنى كۆرۈپ تۇرغان يۈزبېشى خۇدادىن قورققان ھالدا:

_ بۇ ئادەم ھەقىقەتەن دۇرۇس ئادەم ئىكەن! _ دەپ خۇدانى مەدھىيىلىدى.

48بۇ ۋەقەنى كۆرۈش ئۈچۈن يىغىلغان خالايىق قايغۇ بىلەن مەيدىسىگە ئۇرۇپ، ئۆيلىرىگە قايتىشتى. 49ھەزرىتى ئەيسانى تونۇيدىغان كىشىلەر ۋە جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن ئاياللار ۋەقەنىڭ جەريانىنى يىراقتىن كۆرۈپ تۇردى.

50-51يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئاراماتىيا دېگەن شەھەردىن كەلگەن يۈسۈپ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ ئاق كۆڭۈل، دۇرۇس ئادەم بولۇپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ نامايان بولۇشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتەتتى. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرى بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى بۇ قارارى ۋە ھەرىكەتلىرىگە قوشۇلمىغانىدى. 52يۈسۈپ ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى. 53پىلاتۇس قوشۇلغاندىن كېيىن، ئۇ جەسەتنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ، كەندىر رەخت بىلەن كېپەنلەپ، يېڭىدىن ئويۇلغان چوڭ قورام تاشلىق قەبرىگە دەپنە قىلدى.

54بۇ ۋەقەلەر ھېيتنىڭ ھارپىسى يۈز بەرگەن بولۇپ، دەم ئالىدىغان شەنبە كۈنىگە ئاز قالغانىدى. 55شۇڭا، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە كەلگەن ئاياللار يۈسۈپ بىلەن بىللە بېرىپ، قەبرىنى ۋە جەسەتنىڭ قانداق قويۇلغانلىقىنى كۆزدىن كەچۈردى. 56ئاندىن، ئۆيلىرىگە قايتىپ بېرىپ، جەسەتكە چاچىدىغان خۇش پۇراقلىق بۇيۇملار بىلەن ئەتىرلەرنى تەييارلىدى. دەم ئېلىش كۈنى، خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە، ئۇلار دەم ئېلىشتى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى