ھەقىقىي «ئۈزۈم تېلى»

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 15- باب

1ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى:

_ ھەقىقىي «ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن، ئاتام خۇدا بولسا باغۋەندۇر. 2باغۋەن مەندىكى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر شاخنى كېسىپ تاشلايدۇ. مېۋە بەرگەنلىرىنى بولسا تېخىمۇ كۆپ مېۋە بەرسۇن دەپ، پۇتاپ تۇرىدۇ. 3سىلەر پۇتالغان شاخلارغا ئوخشاش بولۇپ، مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن سۆزلەر ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن پاك بولدۇڭلار. 4سىلەر مەندە بولۇڭلار. مەنمۇ سىلەردە بولىمەن. شاخ تالدا بولماي تۇرۇپ ئۆزلۈكىدىن مېۋە بېرەلمەيدىغىنىدەك، سىلەرمۇ مەندە بولمىساڭلار، مېۋە بېرەلمەيسىلەر.

5«ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن. سىلەر بولساڭلار شاخلىرىسىلەر. كىم مەندە بولسا، مەنمۇ ئۇنىڭدا بولىمەن. شۇنداق بولغاندا، ئۇ كۆپ مېۋە بېرىدۇ. چۈنكى، خۇدا ياقتۇرىدىغان ھەرقانداق ئىشنى مەنسىز قىلالمايسىلەر. 6مەندە بولمىغان كىشى كېرەكسىز شاخلارغا ئوخشاش تاشلىۋېتىلىپ، قۇرۇپ كېتىدۇ. بۇنداق شاخلار يىغىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ.

7سىلەر مەندە بولساڭلار ۋە سۆزلىرىم سىلەردە ساقلانسا، نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، شۇنىڭغا ئېرىشىسىلەر. 8سىلەر كۆپ مېۋە بېرىشىڭلار ئارقىلىق مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلايسىلەر. بۇ، ئاتامغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ. 9ئاتام مېنى سۆيگىنىدەك، مەنمۇ سىلەرنى سۆيدۈم، مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە بولۇڭلار. 10ئەگەر ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلساڭلار، خۇددى مەن ئاتامنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغان ۋە ھەمىشە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە بولغىنىمدەك، سىلەرمۇ ھەمىشە مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە بولىسىلەر.

11بۇلارنى سىلەرگە خۇشاللىقىمدىن بەھرىمەن بولسۇن ۋە خۇشاللىقى تولۇپ تاشسۇن، دەپ ئېيتتىم. 12مېنىڭ ئەمرىم شۇكى، مەن سىلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەندەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. 13ئۆز دوستلىرى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشتىن چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت يوقتۇر. 14سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمنى ئادا قىلساڭلار، مېنىڭ دوستلىرىم بولىسىلەر. 15ئەمدى سىلەرنى «چاكار» دېمەيمەن. چۈنكى، چاكار خوجايىنىنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى «دوست» دەيمەن، چۈنكى ئاتامدىن ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم. 16سىلەر مېنى تاللىغىنىڭلار يوق، ئەكسىچە مەن سىلەرنى تاللىدىم. مەن سىلەرنى مېۋە بەرسۇن ھەمدە مېۋىلىرىڭلار مەڭگۈ ساقلانسۇن، دەپ تەيىنلىدىم. مۇشۇنداق مېۋە بەرگىنىڭلاردا، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتامدىن نېمە تىلىسەڭلار، ئاتام شۇنى بېرىدۇ. 17سىلەرگە شۇنى ئەمر قىلىمەنكى، بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى