كاتتا زىياپەت

ئىنجىل، «لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر» 14-باب

15ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغانلاردىن بىرى بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا:

_ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىكى زىياپەتتە ئولتۇرىدىغانلار نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! _ دېدى.

16بىراق، ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:

_ بىر كىشى كاتتا زىياپەت ھازىرلاپ، نۇرغۇن مېھمان چاقىرىپتۇ.17داستىخان سېلىنغان كۈنى، چاكىرىنى ئەۋەتىپ، چاقىرىلغان مېھمانلارغا: «مەرھەمەت، ھەممە نەرسە تەييار بولدى!» دەپ ئېيتىپتۇ.18بىراق، مېھمانلار بارماسلىققا بىر-بىرلەپ باھانە كۆرسىتىپتۇ. بىرىنچىسى: «مەن ھېلى بىر پارچە يەر سېتىۋالغانىدىم، بېرىپ كۆرۈپ كەلمىسەم بولمايدۇ. كەچۈرۈڭ، بارالمايمەن» دەپتۇ.19يەنە بىرى: «مەن ئون ئۆكۈز سېتىۋالدىم، ھازىر بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ كېلىشىم كېرەك. كەچۈرگەيسىز، زىياپەتكە داخىل بولالمايدىغان بولدۇم» دەپتۇ.20يەنە بىرەيلەن: «مەن يېڭى ئۆيلەنگەن، شۇڭا بارالمايمەن» دەپتۇ.

21چاكار قايتىپ كېلىپ، ھەممە ئەھۋالنى خوجايىنىغا مەلۇم قىپتۇ. خوجايىن غەزەپلەنگەن ھالدا چاكىرىغا: «دەرھال شەھەرنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىغا كىرىپ، غېرىب-غۇرۋا، مېيىپ-ناكار، كور-ئەما، ئاقساق-چولاقلارنى يىغىپ كەل» دەپتۇ.22ئۇزۇن ئۆتمەي، چاكار قايتىپ كېلىپ: «خوجايىن، بۇيرۇقىڭىزنى ئادا قىلدىم. يەنە بىرمۇنچە بوش ئورۇن بار!» دەپتۇ.23«يېزىدىكى چوڭ-كىچىك ئارقا كوچىلارنى ئارىلاپ، تاپقان ئادىمىڭنى زورلاپ ئەكېلىپ ئۆيۈمنى تولدۇر!24چۈنكى، باشتا چاقىرىلغان ئادەملەرنىڭ ھېچقايسىسىنى داستىخىنىمدا ئولتۇرغۇزمايمەن» دەپتۇ خوجايىن ئۇنىڭغا.

[داۋامى]

ئۈندىدار سالونىمىز

ئۇندىدار

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

yengi mezmun

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر