« لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر »

21

تۇل ئايالنىڭ ئىئانىسى

1ھەزرىتى ئەيسا بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى ئىئانە يىغىلىدىغان جايغا ئۆز سەدىقىلىرىنى تاشلاۋاتقان بىرنەچچە باينى كۆردى.2ئۇ يەنە بىر نامرات تۇل ئايالنىڭمۇ ئىككىلا تەڭگىنى تاشلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ:

3_ بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ نامرات تۇل ئايالنىڭ ئىئانىسى خۇدانىڭ نەزىرىدە ھەممەيلەننىڭكىدىن كۆپ.4چۈنكى، باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشقان بايلىقلىرىدىن ئىئانە قىلدى. لېكىن، بۇ ئايال نامرات تۇرۇقلۇق، ئۆزىنىڭ بارلىق تىرىكچىلىك قىلىدىغىنىنى ئىئانە قىلدى، _ دېدى.

كەلگۈسى توغرىسىدىكى بېشارەت

5شاگىرتلاردىن بەزىلىرى مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ نەپىس تاشلار ۋە خۇداغا ئاتالغان نەرسىلەر بىلەن بېزەلگەنلىكى توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەيسا:

6_ شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، سىلەر بۇ يەردە كۆرۈۋاتقان ھەممە نەرسە گۇمران قىلىنىدۇ، ھەتتا بىر تال ئۇل تېشىمۇ جايىدا قالدۇرۇلمايدۇ، _ دېدى.

7ئۇلار ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ ئۇستاز، بۇ دېگەنلىرىڭىز قاچان يۈز بېرىدۇ؟ بۇلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان قانداق بېشارەت بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدى.

8ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ ئازدۇرۇلۇپ كېتىشتىن ھوشيار بولۇڭلار. چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ: «قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ مەن بولىمەن!» ۋە «قىيامەت كۈنى يېقىنلاپ قالدى!» دەيدۇ. سىلەر ئۇنداق كىشىلەرگە ئەگەشمەڭلار.9ئۇرۇش ۋە توپىلاڭنىڭ تىۋىشىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردىمۇ قورقۇپ كەتمەڭلار. چۈنكى، بۇ ئىشلارنىڭ دەسلەپتە يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن، بۇ زامان ئاخىرى يېتىپ كەلدى، دېگەنلىك ئەمەس.

10ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى:

_ بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. بىر دۆلەت يەنە بىر دۆلەتكە ھۇجۇم قىلىدۇ.11شىددەتلىك يەر تەۋرەشلەر، ئاچارچىلىقلار يۈز بېرىدۇ، يۇقۇملۇق كېسەللەر تارقىلىدۇ ۋە ئاسماندا قورقۇنچلۇق ئالامەتلەر كۆرۈنىدۇ.12بىراق بۇ ۋەقەلەر يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، سىلەر تۇتقۇن قىلىنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرايسىلەر. كىشىلەر سىلەرنى ئىبادەتخانىلارنىڭ سوراق قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ، زىندانلارغا تاشلايدۇ. ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پادىشاھ ۋە ۋالىيلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ.13مانا، بۇ سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم بولۇش پۇرسىتىڭلاردۇر.14شۇڭا، ئۇلارنىڭ سوئال-سوراقلىرىغا قانداق جاۋاب بېرىش توغرىسىدا ئالدىنئالا باش قاتۇرۇپ كەتمەڭلار.15چۈنكى، مەن سىلەرگە دۈشمەنلىرىڭلار قارشى چىقالمىغۇدەك ۋە رەت قىلالمىغۇدەك سۆز قابىلىيىتى ۋە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىمەن.16سىلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ۋاقىتتا، ئاتا-ئانا، ئاكا-ئۇكا، ئۇرۇق-تۇغقان، يار-بۇرادەرلىرىڭلارمۇ سىلەرگە خائىنلىق قىلىدۇ. ئاراڭلاردىكى بەزى كىشىلەرمۇ ئۆلتۈرۈلىدۇ.17ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ھەممە ئادەم سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ،18ھالبۇكى ئۇلار بىر تال چېچىڭلارغىمۇ چېقىلالمايدۇ!19چىداملىق بولغىنىڭلاردا، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىسىلەر.

يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران قىلىنىشىدىن بېشارەت

20_ يېرۇسالېمنىڭ دۈشمەن قوشۇنلىرى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇنىڭ ۋەيران بولۇشقا ئاز قالغانلىقىنى بىلىڭلار.21ئۇ چاغدا، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئاھالىلەر تاغلارغا قاچسۇن، يېرۇسالېملىقلار شەھەردىن چىقىپ كەتسۇن، يېزىلاردىكىلەر شەھەرگە كىرمىسۇن.22چۈنكى، شۇ چاغ خۇدانىڭ خەلقنى جازالايدىغان كۈنلىرىدۇر. شۇنىڭ بىلەن، مۇقەددەس يازمىلاردا بۇ توغرۇلۇق يېزىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

23ئۇ كۈنلەردە، قېچىشى ئەپسىز بولغان ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئانىلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى، بۇ يەردىكى كىشىلەرگە ئېغىر ئاپەت كېلىدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ غەزىپىگە ئۇچراپ،24قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ ياكى تۇتقۇن قىلىنىپ، چەت دۆلەتلەرگە ھەيدىلىدۇ. خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقتى توشقۇچە، ئۇلار يېرۇسالېمنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە

25_ مەن كېلىشتىن بۇرۇن، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار غەيرىي تۈس ئالىدۇ. يەر يۈزىدىكى ئەللەر دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ غەزەپلىك شاۋقۇنىدىن ئالاقزادە بولىدۇ.26ئاسمان جىسىملىرى لەرزىگە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئىنسانلار دۇنياغا كېلىدىغان ئاپەتلەرنى ئېسىگە ئېلىپ، ۋەھىمە ئىچىدە غال-غال تىترەپ ئەس-ھوشىنى يوقىتىدۇ.27ئۇ چاغدا، ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ بىلەن بۇلۇت ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىلەر.

28شۇڭا، بۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈنگەن چاغدا، سىلەر بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ قەددىڭلارنى رۇسلاڭلار، چۈنكى بۇ، سىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشۇڭلارغا ئاز قالدى دېگەنلىكتۇر.

ئەنجۈر دەرىخىدىن ساۋاق ئېلىش

29ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:

_ ئەنجۈر دەرىخى ۋە باشقا دەرەخلەرگە قاراڭلار.30ئۇلارنىڭ يېڭى يوپۇرماق چىقارغانلىقىدىن يازنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئاز قالغانلىقىنى بىلىسىلەر.31شۇنىڭدەك، مەن بايا دېگەن ئالامەتلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىڭلار.32بىلىپ قويۇڭلاركى، مانا بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ ئەۋلاد*كىشىلەر ئالەمدىن ئۆتمەيدۇ.33ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم يوقالماي مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بولىدۇ.

ھوشيار بولۇڭلار

34_ ھوشيار بولۇڭلار! ئۆزۈڭلارنى ئەيش-ئىشرەت ۋە تۇرمۇشنىڭ غەم-ئەندىشىلىرى بىلەن بىخۇدلاشتۇرماڭلار. قىيامەت كۈنى سىلەرگە گويا توساتتىن بېشىڭلارغا تاشلانغان توردەك كەلمىسۇن.35چۈنكى، ئۇ ئاپەتلەر يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ بېشىغا كېلىدۇ.36ھەر ۋاقىت ھوشيار بولۇڭلار، يۈز بېرىدىغان بۇ ئالامەتلەردىن ئامان-ئېسەن ئۆتەلىشىڭلار ۋە قىيامەت كۈنى ئىنسانئوغلى ئالدىدا قورقماي تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن ھەر دائىم دۇئا قىلىڭلار، _ دېدى.

37ھەزرىتى ئەيسا كۈندۈزلىرى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرىپ، ئاخشاملىرى شەھەردىن چىقىپ، كېچىنى زەيتۇن تېغىدا ئۆتكۈزەتتى.38جامائەت ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن، تاڭ سەھەردە ئىبادەتخانىغا قاراپ ماڭاتتى.



*32ئەگەر تىلغا ئېلىنغان ئالامەت يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران بولۇشىغا (21-باب 6-ئايەت) قارىتىلغان بولسا، ئۇنداقتا «ئەۋلاد» سۆزى تەبىئىيكى شۇ دەۋردە ياشاپ ئۆتكەن ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا قايتىپ كېلىشىگە (21-باب 27-ئايەت) قارىتىلغان بولسا، «ئەۋلاد» سۆزى بەلكىم پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىنى ياكى بۇ ئايەتلەردە ئېيتىلغان ۋەقەلەرنىڭ باشلىنىش ۋاقتىدا ياشاۋاتقان ئەۋلادنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەرگىز ھەزرىتى ئەيسادا «دۇنياغا دەرھال قايتىپ كېلىمەن» دېگەن خاتا چۈشەنچىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ.

ئۈندىدار سالونىمىز

ئۇندىدار

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر