« رىملىقلارغا يېزىلغان خەت »

2

خۇدا ئايرىمىچىلىق قىلمايدۇ

1شۇڭا، سەن بۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلغۇچىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىشىڭ مۇمكىن. بىراق ئەي بۇرادەر، سەنمۇ بۇنداق ئىشلارنى قىلىۋاتىسەنغۇ! ئۇنداقتا، سېنىڭ كىم بولۇشۇڭدىن قەتئىينەزەر، خۇدا سوراق قىلىدىغان ئاشۇ كۈندە ئۆزۈڭنى ئاقلاشقا باھانە كۆرسىتەلمەيسەن. چۈنكى، باشقىلار ئۈستىدىن مۇنداق ئىشلاردا ھۆكۈم قىلساڭ، ئۆز ئۈستۈڭدىمۇ شۇ ئىشلاردىن ھۆكۈم قىلغان بولىسەن. 2بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ بۇنداق ئىشلارنى قىلغانلار ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمى ھەقتۇر. 3بىراق ئەي بۇرادەر، سەنمۇ بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلساڭ، خۇدانىڭ ھۆكۈمىدىن قاچالايمەن، دەپ ئويلامسەن؟ 4خۇدانىڭ ساڭا كۆرسەتكەن چوڭقۇر مېھرىبانلىقى، كەڭچىلىكى ۋە مول سەۋر-تاقىتىنى سەل چاغلاۋاتامسەن؟ ئۇنىڭ ساڭا مېھرىبانلىق كۆرسىتىشتىكى مەقسىتىنىڭ سېنى توۋا قىلىدىغان يولغا باشلاش ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ 5گۇناھىڭغا توۋا قىلماي، جاھىللىق قىلىشىڭ بىلەن خۇدانىڭ غەزىپىنى تېخىمۇ قوزغايسەن. خۇدا غەزەپكە كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئادىل ھۆكۈمىنى يۈرگۈزىدىغان كۈنى، سەن ئۆز بېشىڭغا ئۆزۈڭ چىققان بولىسەن. 6خۇدا ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ئىش كۆرىدۇ، 7ھەمىشە سەۋرچانلىق بىلەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، خۇدادىن شان-شەرەپ، ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقىنى ئىزدىگەنلەرگە ئۇ مەڭگۈلۈك ھايات بېرىدۇ. 8لېكىن، ھەقىقەتنى رەت قىلىپ، يامانلىققا ئەگەشكەن شەخسىيەتچىلەرگە ئۇ غەزەپ-نەپرەت ياغدۇرىدۇ. 9خۇدا بارلىق يامانلىق قىلغۇچىلارغا، بولۇپمۇ ئالدى بىلەن ئۆز خەلقى بولغان يەھۇدىيلارغا، ئاندىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئوخشاشلا ئېغىر كۈنلەر ۋە دەرد-ئەلەم كەلتۈرىدۇ. 10بىراق، بارلىق ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلارغا، ئاندىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئوخشاشلا شان-شەرەپ، ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە ئامان-ئېسەنلىك ئاتا قىلىدۇ. 11چۈنكى، خۇدا ھەممە ئىنسانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ.

12تەۋرات قانۇنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە چۈشۈرۈلمىگەنلىكتىن، ئۇلار ئۇنى بىلمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار گۇناھ سادىر قىلسا، سوراققا تارتىلىدۇ. تەۋرات قانۇنى چۈشۈرۈلگەن يەھۇدىيلار بولسا ئۇنى پۇختا بىلىدۇ. لېكىن، ئۇلارمۇ گۇناھ سادىر قىلسا، ئوخشاشلا سوراققا تارتىلىدۇ. 13چۈنكى، خۇدانىڭ ئالدىدا قانۇننى بىلگەنلەر ئەمەس، بەلكى قانۇننىڭ بارلىق ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغانلار ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدۇ. 14(تەۋرات قانۇنىنى بىلمەيدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر تەبىئىي ھالدا بۇ قانۇنغا ئۇيغۇن ئىشلارنى قىلسا، ئۇلار گەرچە بۇ قانۇندىن خەۋەرسىز بولسىمۇ، بۇ قانۇن ئۇلارنىڭ ئۆز قانۇنىدەك بولىدۇ. 15چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئۆز قەلبىدە نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلەلىشى بۇ قانۇننىڭ ئەمرلىرى قەلبىگە پۈتۈكلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ۋىجدانىمۇ بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ۋىجدانى ئۇلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ئۇلارنى ئەيىبلەيدۇ، توغرا قىلغاندا بولسا ئۇلارنى ئاقلايدۇ.) 16مەن يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بۇ خۇش خەۋەر بويىچە، خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ يوشۇرۇن ئىشلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدىغان كۈنىدە، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىشلار چوقۇم يۈز بېرىدۇ.

يەھۇدىيلار ۋە تەۋرات قانۇنى

17ئۇنداقتا سەنچۇ، سەن ئۆزۈڭنى يەھۇدىي دەيسەن ۋە تەۋرات قانۇنىغا ئىگە بولغانلىقىڭ ئۈچۈن، مەن خۇدا بىلەن يېقىن، دەپ ماختىنىسەن. 18ساڭا تەۋرات قانۇنى ئۆگىتىلگەنلىكتىن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىسەن ھەم ھەق بىلەن ناھەقنى پەرق ئېتەلەيسەن. 19-20تەۋرات قانۇنىدىكى ھەممە بىلىم ۋە ھەقىقەتلەرنى بىلىمەن دەپ قاراپ، ئۆزۈڭنى كورلارنىڭ يول باشلىغۇچىسى، قاراڭغۇدا قالغانلارنىڭ چىرىغى، نادانلارنىڭ يېتەكچىسى، گۆدەكلەرنىڭ ئۇستازى، دەپ ئۆزۈڭگە ئىشىنىسەن. 21سەن باشقىلارغا خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭگە بەرمەمسەن؟ باشقىلارغا ئوغرىلىق قىلما دەپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭ ئوغرىلىق قىلامسەن؟ 22باشقىلارغا زىنا قىلما دەپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭ زىنا قىلامسەن؟ بۇتلاردىن بىزار بولۇپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭ بۇتخانىلاردىكى نەرسىلەرنى ئوغرىلامسەن؟ 23بىز يەھۇدىيلار تەۋرات قانۇنىغا ئىگە بولدۇق، دەپ ماختىنىپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭ دەل شۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، خۇدانىڭ نامىغا داغ كەلتۈرەمسەن؟ 24خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگىنىدەك: «سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن يەھۇدىي ئەمەسلەر خۇداغا كۇپۇرلۇق قىلماقتا.»

25تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلساڭ، خەتنە قىلىنغىنىڭنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلساڭ، خەتنە قىلىنغىنىڭنىڭ قىلچىلىكمۇ ئەھمىيىتى بولمايدۇ، خەتنە قىلىنمىغان ئادەمدىن ھېچ پەرقىڭ قالمايدۇ. 26شۇنىڭغا ئوخشاش، خەتنە قىلىنمىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر قانۇننىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلسا، خۇدا تەرىپىدىن يەنىلا خەتنە قىلىنغان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 27سەن تەۋرات قانۇنىدىن خەۋەردار ھەم خەتنە قىلىنغان تۇرۇقلۇق، شۇ قانۇنغا ئەمەل قىلمىساڭ، جىسمانىي جەھەتتە خەتنە قىلىنمىغان، لېكىن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر سېنى گۇناھكار، دەپ ئەيىبلىمەمدۇ؟

28پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈشتە يەھۇدىي بولغاننىڭ ھەممىسىنىلا ھەقىقىي يەھۇدىي دېگىلى بولمايدۇ. پەقەت جىسمانىي جەھەتتە خەتنە قىلىنىشىغا قاراپلا، ئۇنى ھەقىقىي خەتنە دېگىلى بولمايدۇ. 29قەلبىدە خۇدانىڭ يولىنى تۇتقان ئادەم ھەقىقىي يەھۇدىيدۇر. ئۇنىڭ ھەقىقىي خەتنىسى يازما قانۇنغا ئېسىلىۋېلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەن قەلب ئارقىلىق بولىدۇ. بۇنداق ئادەم ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدا تەرىپىدىن ماختىلىشقا سازاۋەر بولىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى