«مەن ئۈرۈمچىدىكى داڭلىق بىر شىركەتتە ئىشلەشنى بەكمۇ خالايتتىم. شىركەتتىكى بىر رەھبەر ماڭا پارا بەرسەم شىركەتكە كىرەلەيدىغانلىقىم توغرۇلۇق ئىشارەت بەردى. مېنىڭچە بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس، لېكىن مېنىڭ بۇ خىزمەتكە بەكمۇ ئېرىشكۇم بار، چۈنكى مۇشۇنداق خىزمەتنى تاپماق بەك تەس. قانداق قىلىشىم كېرەك؟»
[ئارخىپ]
8مول بايلىقنى تاپقاندىن ئادالەتسىزلىك بىلەن،
ئەۋزەلدۇر ئاز تاپقان ھەققانىيلىق بىلەن.
[داۋامى]
8ئى پەرۋەردىگار، سۆيىمەن سەن تۇرغان ئىبادەتخانىنى،
شەۋكىتىڭ نامايان بولغان جاينى.
9گۇناھكارلار قاتارى ئالمىغىن جېنىمنى،
قانخورلار قاتارى ھاياتىمنى.
10پارىغا تولۇپ ئۇلارنىڭ ئوڭ قوللىرى،
سۇيىقەست بىلەن بۇلغانغاندۇر قوللىرى.
[داۋامى]
14بەزى لەشكەرلەرمۇ ئۇنىڭدىن:
_ بىزچۇ؟ قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ _ دەپ سوراشتى.
يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا:
_ باشقىلارنىڭ پۇلىنى زورلۇق ياكى تۆھمەتلەر بىلەن ئېلىۋالماڭلار. ئىش ھەققىڭلارغا رازى بولۇڭلار، _ دېدى.
[داۋامى]
8پارا ئالما، چۈنكى پارا كۆرىدىغانلارنىڭ كۆزىنى كور قىلىپ، دۇرۇس ئادەملەرنىڭ سۆزىنى بۇرمىلايدۇ.
[داۋامى]
6ھېچ نەرسىدىن غەم قىلماڭلار. ئەكسىچە، ھەرقانداق تەلىپىڭلار بولسا دۇئا-تىلاۋەت ئارقىلىق خۇدادىن تىلەڭلار ۋە شۈكۈر ئېيتىڭلار.
[داۋامى]
5ئىشەنمەي ئۆز ئەقلىڭگە،
ئىشەن پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن پەرۋەردىگارغا،
6ياد ئەت پەرۋەردىگارنى ھەر ئىشتا،
ئوچۇق قىلار يولۇڭنى ئۇ شۇندا.
7ئۆزۈڭنى ئەقىللىق دەپ سانىما،
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، يامانلىققا يولىما.
8شۇنداق قىلساڭ، ساغلام بولار تېنىڭ،
يىلىككە تولار سۆڭەكلىرىڭ.
[داۋامى]