« زەبۇر »

92

دەم ئېلىش كۈندە*ئېيتىلىدىغان مۇناجات

1ئى پەرۋەردىگار، نەقەدەر بەختتۇر ساڭا شۈكۈر ئېيتىش،

ئى ئۇلۇغ خۇدا، نەقەدەر بەختتۇر نامىڭنى ناخشىغا قېتىش.

2بايان ئەيلەپ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى سەھەردە،

ساداقىتىڭنى تەرىپلەش ھەربىر كېچىدە _

3ئون تارلىق ساز ۋە چىلتارنىڭ ناۋاسىدا،

لىرانىڭ يېقىملىق مۇڭلىرىدا.

4چۈنكى مېنى شادلاندۇردۇڭ كارامەتلىرىڭدە ئى خۇدا،

ماڭا قىلغان ئەجرىڭدىن ناخشا ئېيتارمەن خۇشاللىقتا.

5ئى پەرۋەردىگار، نەقەدەر بۈيۈك سېنىڭ مۆجىزىلىرىڭ.

شۇنچىلىك يۈكسەك، نىيەت، مەقسەتلىرىڭ.

6تۆۋەندىكى ھەقىقەتنى بىلمەس نادان ئادەملەر،

چۈشەنمەيدۇ ئۇنى يەنە ھاماقەت ۋە ئەخمەقلەر.

7گەرچە ئوت-چۆپ ئۆسكەندەك تېز ئۆسسىمۇ رەزىللەر،

شۇنچە گۈللەپ ياشنىسىمۇ ھەمدە بارلىق پەسكەشلەر،

لېكىن مەڭگۈلۈك ھالاكەتكە دۇچاردۇر ئۇلار.

8ھەممىگە مەڭگۈ قادىردۇرسەن، ئى پەرۋەردىگار.

9مانا قارا، دۈشمەنلىرىڭ مۇقەررەركى ھالاك بولار،

تىرىپىرەن بولىدۇ ھەم يامانلىق قىلغۇچىلار.

10لېكىن ياۋا بۇقىدەك كۈچلەندۈردۈڭ سەن مېنى،

ھەم بېشىمغا سۈركىدىڭ روھلاندۇرغۇچ مېيىنى.*

11كۆردۈم دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى،

ئاڭلىدىم رەزىل رەقىبلىرىمنىڭ يىغا-زارىنى.

12خۇددى خورما دەرىخىدەك گۈللەپ ياشنار ھەققانىيلار،

ھەم يەنە لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىدەك ئاينىپ ئۆسەر.

13تىكىلگەندۇر ئۇلار پەرۋەردىگار ھۇزۇرىغا،

گۈللەپ ياشنار ئىگىمىزنىڭ ھويلا-ئاراملىرىدا.

14قېرىسىمۇ ئۇلار يەنە بېرىدۇ مېۋە،

بۈك-باراقسان كۆكىرىپ تۇرار ھەمىشە.

15شۇڭا ئۇلار دەيدۇكى: «پەرۋەردىگار ئادىلدۇر،

ئادالەتلىك ئۇ دائىم، قورام تاشتەك پاناھىمىز خۇدادۇر.»



*دەم ئېلىش كۈنى _ خۇدا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەھۇدىيلارغا بۇ كۈندە ئىش قىلماي دەم ئېلىش ھەققىدە ئەمر قىلغان. «تەۋرات. مىسىردىن چىقىش» 20-باب 8‏_11 ئايەتلەرگە قاراڭ.

*10بېشىغا ماي سۈركەش _ ئەينى ۋاقىتتا ئىسرائىلىيەدە مېھماننىڭ بېشىغا روھلاندۇرىدىغان خۇش پۇراقلىق ماي سۈركەش ئادىتى بار ئىدى.

ئۈندىدار سالونىمىز

ئۇندىدار

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر